Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەجنۇن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
لەيلىنىڭ ئاشىقى كىشى ئىسمى:
ئەقلدىن ئازغان؛ ساراڭ:
مەشۇق، مەھبۇب:
1. خۇسرەۋۇ فەرھادۇ مەجنۇن باش كۆتەرمەس روزى ھەشر،
بۇ جەھاندا چۈنكى ئىشقىم شەئنە ئەلۋانىن كۆرۈپ.
ئەرشى.
2. كى سەرگەشتەمىز چەرخى گەردۇن كەبى،
نەگەردۇر كەبى بەلكى مەجنۇن كەبى.
ئا. نىزارى.
3. نىدىن تەنھا دېگەيلەر خەلقىم مەجنۇن ئاشىقى،
ئېرۇر ھامۇن ئىچىدە بارھا ھەمرايى نەخچىرى.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئەقلىدىن ئاداشقان، جىن تەككەن، ساراڭ، تەلۋە، جىنى تۇتقان، دىۋانە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەقىلدىن ئازغان، ئېلىشىپ قالغان.
سەۋدايىنى سۇغا بۇيرۇما. لەيلىنى كۆرۈش ئۈچۈن مەجنۇننىڭ كۆزى كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى. ئىشق ئوتى نەتىجىسىدە سەۋدايى، تەركىدۇنيا بولغان كىشى.
- ئانا، - دەپتۇ قەمەر كۈلۈپ تۇرۇپ، - ئۆزۈڭگە مەلۇمكى، ئىلگىرىمۇ بىر گۈزەل يىگىتنى ماڭا ئەۋەتكەنىدىڭ. بىر كۆرۈشۈم بىلەنلا ئەقلى - ھوشۇمنى يوقىتىپ مۇھەببەت مەجنۇنى بولۇپ قالغانىدىم.
سۈپ. ئەقلىنى يوقاتقان، ئەقلىدىن ئازغان، ئاداشقان؛ ساراڭ.
مۇھەممەت بىننى بىر كۈنى شاگىرتلىرى بىلەن مەھەللە ئىچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، تاسادىپىي ئالدىدىن بىر مەجنۇن ئادەم چىقىپ كېلىپ، ئۇنىڭ يۈزىگە قاراپ كۈلۈپتۇ.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.