Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
玫事论
دۇنيا تارىخى
ئارخاساستىرا
قەدىمكى ھىندىستاننىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى توغرىسىدىكى كىتابى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، «ئارخاساستىرا» ماۋوريا خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى جاندارگوپتانىڭ ۋەزىرى كائوتىلىيا (يەنە بىر ئىسمى ۋىسنوگوپتا ياكى جىنناگا مىلادىدىن 300 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلىدە تۇغۇلغان) تەرىپىدىن يېزىلغان؛ يەنە بەزىلەر كائوتىلىيانىڭ ساۋاقلىرىنى ئاساس قىلىپ كېيىنكىلەر يازغان، كىتابىنىڭ پۈتكەن ۋاقتى بەكمۇ كېيىن، دەپ قارايدۇ. كىتاب جەمئىي 15 توم بولۇپ، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، ھەق تەلەپ، ھەربىي ئىشلار، سودا، مالىيە، ئەدلىيە، پەن ۋە تىبابەتچىلىك قاتارلىق ھەرقايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ كىتاب ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەرنىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇشىدىكى قىبلىنامىسى. ئۇنىڭدىكى بەزى مەزمۇنلار ئاپتورنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك تەكلىپ، پىكىرلىرىدىن ئىبارەت. ئاساسەن ماۋوريا خاندانلىقى مەزگىلىدىكى ئىجتىمائىي ئەھۋالنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، قەدىمكى ھىندىستان تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.