Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
梅什科一世
دۇنيا تارىخى
مېيسكو Ⅰ
(تەخمىنەن 922 - 992) پولشا كىنەزى (تەخمىنەن 960 - 992). تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، چوڭ پولشا (ھازىرقى پولشانىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى ئاساسەن بىرلىككە كەلتۈرگەن ھەمدە چېخ بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ غەربىي سلاۋىيانلار زېمىنىغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرغان؛ مىلادى 966-يىلى كاتولىك دىنىنى قوبۇل قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كەڭ تارقاتقان، بۇ ھال كىنەزلىك ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن، پولشانىڭ غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتكەن ھەمدە پولشانىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مەلۇم تەسىر كۆرسەتكەن.