Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
梅隆
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
méi lóng
مېلوڭ
梅隆〈喀〉
méi lóng
مېلوڭ
دۇنيا تارىخى
مېللون
(1855 - 1937) ئامېرىكىلىق مونوپول كاپىتالىست. پىتىسبۇرگدا تۇغۇلغان، داشۆدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئىنىسى رىكارد مېللون بىلەن بىرلىشىپ ياغاچ ماتېرىياللىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇزاق ئۆتمەي ئاكا - ئۇكا ئىكىيلەن دادىسى، بانكىر، ئادۋوكات توماس مېللون بىلەن بىرلىشىپ پۇل مۇئامىلىسى بىلەن شۇغۇللانغان. 1886-يىلى توماس پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەن ۋارىسلىق قىلغان. 1889-يىلى پىتسبۇرگ بىرلەشمە ھاۋالە شىركىتىنى تەسىس قىلغان، ئۇ كېيىن، ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەن ۋارىسلىق قىلغان. ئۇ كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئامېرىكا بويىچە ئەڭ چوڭ ھاۋالە شىركىتى بولۇپ قالغان. كېيىن مېللونبانكىسىنى پۇل مۇئامىلە مەركىزى، ئاېرىكا ئاليۇمىن شىركىتى، دېڭىز قولتۇقى نېفىت شىركىتىنى ئىككى چوڭ تۆۋرۈك قىلغان ھالدا، غايەت زور مونوپول مالىيە گۇرۇھى شەكىللەنگەن. 1921 - 1931-يىللىرى خاردىڭ، كوئولېدگې، خوئوۋېر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مالىيە مىنىستىرى بولۇپ، سىياسىي كۈچكە تايىنىپ، مالىيە گۇرۇھىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ تېزلەتكەن. 1931 - 1932-يىللىرى ئەنگلاىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. پىتسبۇرگ مېللون سانائەت تەتقىقات ئورنى تەسىس قىلغان. <باج خەلقنىڭ ئىشى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.