Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
霉菌
باغۋەنچىلىك,دېھقانچىلىق
méi jūn
كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغDئۇنىۋېرسال
méi jūn
كۆكەرتكۈچى باكتېرىيە، پاختىلاشتۇرغۇچى زەمبۇرۇغ
Dيېزا ئىگىلىك
méi jūn
پاختىلاشتۇرغۇچى زەمبۇرۇغDتېببىي
méi jūn
زەمبۇرۇغ
بىئولوگىيە
كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغ
<يىپسىمان زەمبۇرۇغلار> نىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، تاكسونومىيىلىك ئىسىم ئەمەس، ئۇ ھەقىقىي يادورلۇق جانلىقلار ئىچىدىكى زەمبۇرۇغلار دۇنياسىغا كىرىدۇ. زەمبۇرۇغ تېنى شاخلانغان ياكى شاخلانمىغان زەمبۇرۇغ يىپچىلىرىنىڭ ئالمىشىپ چىرمىشىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. بەزى زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى توسۇقى بولمىغان كۆپ يادرولۇق يەككە ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، كۆپىنچىسى توسۇقى بولغان يەككە يادرولۇق ياكى كۆپ يادرولۇق ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا كۆپ ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەندەك قىلسىمۇ، لېكىن ماھىيىتىدىن قارىغاندا يەنىلا بىر ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ. ئوخشاش تىپلىق جىنىسسىز ياكى جىنىسلىق سپورا ھاسىل قىلىپ كۆپىيىدۇ، سۇيۇق ئۆستۈرگۈچتە زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى ئۈزۈلۈش ئارقىلىقمۇ كۆپىيىدۇ. ئۇنىڭ جىنىسلىق سپورا ھاسىل قىلىش - قىلماسلىق ئالاھىدىلىكى كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغلارنى كلاسسىفىكاتسىيىلەشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىنىدۇ. زەمبۇرۇغ توپى تىۋىتسىمان، پاختىسىمان ياكى ئۆمۈچۈك تورسىمان بولىدۇ، ھەتتا چوڭ - كىچىكلىكى ۋە شەكلىمۇ تۇراقسىز بولىدۇ. تارقىلىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى زىچ بولىدۇ. قەدىمكى زامانلاردا ئۇنىڭدىن ئېچىتقۇ ئورنىدا پايدىلىنىپ جياڭيۇ ياسالغان. ھازىر ئانتىبىئوتىك، ھاراق، ئورگانىك كىسلاتا، ۋىتامىن ۋە ئېنزىم ياسالمىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا كەڭ قوللىنىلىۋاتىدۇ. بەزىلىرى بىئولوگىيىنىڭ مەلۇم ئاساسلىق جەريانلىرىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇۋاپىق قورالى ۋە ماتېرىيالىغا ئايلىنىپ قالدى. بىراق بەزى كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغلار ئىنسانلارغا ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈراىدۇ، ھەتتا راك پەيدا قىلغۇچى فاكتور ئىشلەپچىقىرىدۇ.