Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
酶活力与比活力
بىئولوگىيە
ئېنزىملارنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە سېلىشتۇرما ئاكتىپلىقى
ئېنزىملارنىڭ ئاكتىپلىقى، ئېنزىمنىڭ بەلگىلىك خىمىيىۋى رېئاكسىيىگە كاتالىزاتورلۇق قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. ئېنزىم ئاكتىپلىقىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى بەلگىلىك شارائىتتا ئۇنىڭ كاتالىزاتورلۇقىدىكى مەلۇم بىر خىمىيىۋى رېئاكسىيىنىڭ تېزلىكى بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن. ئېنزىملىق رېئاكسىيىسىنىڭ تېزلىكى مۇئەييەن شارائىت (ئەڭ مۇۋاپىق PH, ئەڭ مۇۋاپىق ئاساسىي ماددا قويۇقلۇقى قاتارلىق) تا ئاساسىي ماددىنىڭ ئازىيىشى ياكى ھاسىلاتنىڭ ھاسىل بولۇش مىقدارى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئېنزىمنىڭ ئاكتىپلىق بىرلىكى 1961 - يىلىدىكى خەلقئارا ئېنزىمولوگىيە يىغىنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن: مىنۇتىغا 1 مىكرومول (Mμ) ئاساسىي ماددىنى كاتالىزلاپ ئۆزگەرتىدىغان ئېنزىم مىقدارى، يەنى شۇ ئېنزىمنىڭ 1 ئاكتىپلىق بىرلىكى بولىدۇ. ئېنزىملارنىڭ سېلىشتۇرما ئاكتىپلىقى ئېنزىملىق ياسالمىلارنىڭ ساپلىق دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بولۇپ، ھەر بىر مىللىگرام كازېئىن (ياكى ھەر بىر مىللىگرام ئاقسىل ئازوتى) نىڭ تەركىبىدىكى ئېنزىمنىڭ ئاكتىپلىق بىرلىكىنىڭ سانىنى كۆرسىتىدۇ.
مىللىگرام ئاقسىل ئازوت / ئاكتىپلىق بىرلىكى = ئومۇمىي ئاقسىل ئازوت / ئومۇمىي ئاكتىپلىقى سېلىشتۇرما ئاكتىپلىقى.