Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەھكىمە شەرئى
ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرى
دىن ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان مەزگىللەردە قازى قۇززات (1)، قازى (2)، ئەلەم (3)، مۇپتى (4) لاردىن تەركىب تاپقان مەھكىمە شەرئى (دىنىي سوت مەھكىمىسى) بارئىدى. بۇ مەھكىمە شەرئى ئالاھىدە ھوقۇق - ئىمتىيازغا ئىگە ئىدى. بۇ مەھكىمە ھەق تەلەپ، نىكاھ ۋە باشقا دەۋا ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلاتتى. ھەتتا تۈرلۈك جازالار بىلەن جازا يۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى. قازى قۇززات، قازى، ئەلەم، مۇپتىلارنىڭ كۈمۈشتىن ياسالغان مۆھۈرلىرى بولاتتى. ئۇلار مەھكىمە شەرئى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈم، قارارلارغا ۋە ئېلىم - بېرىم ئىشلىرىغا دائىر ھۆججەتلەرگە، توختاملارغا مۆھۈر باساتتى. بۇ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىناتتى. پۇقرالار «مۆھۈر ھەققى» بېرەتتى. «مەھكىمە شەئى» دە ھەرخىل جازا قوراللىرى بولۇپ، «دەرەر» ئۇنىڭ بىر خىلى ئىدى. دەررە ئىككى - ئۈچ قەۋەت كۆن ئارىسىغا قۇم ئېلىنىپ تىكىلەتتى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوتتۇز - قىرىق سانتىمېتر، كەڭلىكى تۆت - بەش سانتېمېتر بولاتتى. ئۇنىڭ ئون سانتىمېترچە ئۇزۇنلۇقتا ياغاچ سېپى بولاتتى. ئېغىرلىقى بولسا تەخمىنەن ئىككى - ئۈچ كىلوگرام كېلەتتى. كونا جەمئىيەتتە ئاياللار يۈزى ئوچۇق ھالدا ئەرلەرگە كۆرۈنسە ياكى ئاياللار يۈزى ئوچۇق يۈرسە، مۆھتەسىپلەر (5) ئۇلارنى كۆرگەن ھامان قوغلاپ يۈرۈپ، دەررە بىلەن ئۇراتتى. دەررىنىڭ زەربىسى شۇ قەدەر ئىدىكى، دەررە يېگەنلەر ئورنىدىن قوپالمايتتى.
قىسقىسى، «مەھكىمە شەرئى» دەپ ئاتالغان بۇ دىنىي ھاكىمىيەت ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ناھايىتى ئۇزاق دەۋر ھۆكۈم سۈگەن بولۇپ، ئۇ پۈتۈنلەي فېئودال ئەزگۈچى سىنىپلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان فېئوداللىق ھاكىمىيەت شەكلى ئىدى. (ر)
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شەرىئەتكە ئاساسەن سوراق ۋە ھۆكۈم قىلىدىغان ئورگان. مەھكىمە شەرئى ئۇمەييە سۇلالىسى دەۋرى (661 - 750) دە قۇرۇلدى. ئابباسىيلار سۇلالىسى دەۋرى (750 - 1258) دە تەرەققىي قىلىپ مۇكەممەللەشتى. كېيىن ئىسلام دۇنياسىدىكى دۆلەتلەر ۋە مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىكى مەسچىتلەر ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلدى. مەھكىمە شەرئى ئادەتتە بىر قازى ۋە 2 - 3 ياردەمچىدىن تەركىب تاپىدۇ. تەپتىش تۈزۈمى ۋە يۇقىرىغا شىكايەت قىلىش تۈزۈمى بولمايدۇ. سوراق ۋە ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى ھەق تەلەپ ئىشلىرى، سودا ئىشلىرى، جىنايى ئىشلار ماجرالىرى (نىكاھ - ئائىلە، مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش، سودا، قەرز ئىشلىرى، ۋەخپە قىلىنغان مال - مۈلۈك، ھەق تەلەپتىكى زىيان - زەخمەت، جىنايى ئىشلاردىكى زىيان - زەخمەت ۋە جىنايەت قاتارلىقلار) نى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، مۇسۇلمان شاھىتلارغا چېتىلىدىغارن ئەرزلەر بىلەن چەكلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي تەرتىپى مۇنداق بولىدۇ؛ ئەرز قىلغۇچى ئىسپات كۆرسىتىدۇ، ئەرز قىلىنغۇچى قەسەم ئىچىدۇ. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى ئاساسى دەلىل قىلىنىدۇ. پرىنسىپ جەھەتتە، ھەرقايسى فىقھە ئېقىملىرىنىڭ قازىلىرى شەرىئەتنى ئۆز ئېقىمىنىڭ شەرىئەت تەلىماتىغا ۋە بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئىجرا قىلىدۇ. تارىختا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ چوڭراق شەھەرلىرىدە ئوخشىمىغان فىقھە ئېقىملىرىنىڭ سوراق ۋە ھۆكۈم قىلىش ئورگانلىرى قۇرۇلدى. باشقا رايونلىرىدا مەلۇم بىر فىقھىيەنىڭ مەھكىمە شەرئىسى قۇرۇلدى. يېقىنقى زاماندا فىقھە تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق، بەزى دۆلەتلەردە مەھكىمە شەرئى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا بىرلىككە كەلگەن ئەدلىيە تۈزۈمى تۇرغۇزۇلدى؛ بەزى دۆلەتلەردە دەسلەپكى سوت ئورنىغا چۈشۈرۈلۈپ، يېڭى ئەدلىيە سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلدى؛ بەزى دۆلەتلەردە مەھكىمە شەرئى ئاساس قىلىنىپ، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان، بىرنەچچە قازىدىن تەركىب تاپقان ئۈچ دەرىجىلىك سوراق تۈزۈمى يولغا قويۇلدى.