Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەھەببەتخان مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
پاكىستاندىكى تۆت چوڭ مەسچىتنىڭ بىرى بولۇپ، ئورنى پىشاۋۇردا. موغۇل سۇلالىسىدىكى شاھ جاھان (1627 - يىلىدىن 1648 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) دەۋرىدە پىشاۋۇرنىڭ ۋالىسى مەھەببەتخان 1643 - يىلى سالدۇرغان. مەسچىت ھويلا شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. نامازخانىنىڭ ئالدىغا ئەگمە شەكىللىك ئىشىكسىمان بەش كارىدور قويۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۈچ گۈمبەز سېلىنغان. تۆت بۇلۇڭنىڭ ھەربىر بۇلۇڭىغا سەككىز بۇرجەكلىك ئۇچلۇق مۇنار سېلىنىپ، مۇنارلارنىڭ ئۇچىغا بالكون ۋە گۈمبەز ياسالغان. تامغا قاپارتما نەقىشلەر چىقىرىلغان، ھويلىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇلغان، مۇسۇلمانلارنىڭ يۇيۇنۇشى ئۈچۈن، ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كۆل ياسالغان.