Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەغرىب
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۈنپېتىش، غەب:
ئۆتەر ئەردىم بى بال ئەفسانەئى ئەتقايى مەغربىدىن،
سەرى زەنجىرى زۇلفۇڭ بىرلە جانا پايى بەست ئولدۇم.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۈنپاتار، كۈنپىتىش، غەرب؛ كەچقۇرۇن، ئاخشام؛ سالاۋەتۇلمەغرىب - ئاخشام نامىزى؛ل مەغرىب زەمىن - غەرپ ئەللىرى، غەرپ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۆت تەرەپنىڭ بىرى. شەرققە قارشى تەرەپ، كۈن چىقىدىغان تەرەپكە قارىغاندا ئارقا تەرەپ.
غەرب ئەللىرى؛ غەرب مەدەنىيىتى؛ غەرب دۇنياسى. غەربتىن شەپە بېرىپ، شەرقتىن ھۇجۇم قىلماق. شەرق شامىلى بېسىپ چۈشمىسە، غەرب شامىلى بېسىپ چۈشىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزت. غەرب، كۈنپېتىش، كۈن ئولتۇرۇش.
- ئۇنىڭ نېرىسىغا ئاللا كېرەم بار، خۇدا ئاسانلىق بەرسە مەغرىب تەرەپنى پاناھ قىلارمەن، - دېدى ئۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
مەغرىپ
غەرب تەرەپ، قىبلە تەرەپ (بۇ يەردە قىبلە ئۇلۇغلانغان