دائىرە: چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرىئەرەبچە
شەھەر.
سەئۇدى ئەربىستانلىدىكى ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس شەھەرلىرىدىن بىرى:
يا رەسۇلىللاھ مەدىنە كىشۋەرىغە يەتمىسەم،
رەۋزەئى پاكىڭغە تۆھفە مىڭ دۇرۇدۇ مىڭ سەنا.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
شەھەر؛ ئەرەبىستاندىكى مەدىنە شەھىرى.
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەرسەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان مۇھىم شەھەر، ئىسلام دىنىنىڭ مەركىزى. 622 - يىلى مۇھەممەت پەيغەمبەر ئۆز قوشۇنىنى باشلاپ مەككىدىن بۇ جايغا كېلىپ ئورۇنلاشقان، مۇھەممەت پەيغەمبەر 632 - يىلى شۇ جايدا ۋاپات بولغان. شەھەردە مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ قەبرىسى، مەشھۇر پەيغەمبەر مەسچىتى بار. مەدىنە شەھىرى 622 - يىلدىن 661 - يىلغىچە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بىرىنچى پايتەختى بولغان. بۇ شەھەر جايلاشقان ئورۇننىڭ دېڭىز يۈزىدىن 610 مېتىر ئېگىز كېلىدۇ، ئاھالىسى 198 مىڭدىن ئاشىدۇ، مەدىنە شەھىرى بىلەن مەككە شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 450 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئىككى شەھەرنى تاشيوللار بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. مەدىنە شەھىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مۇھىم سودا مەركەزلىرىنىڭ بىرى، شەھەرنڭى ئەتراپىدا نۇرغۇن دېھقانچىلىق مەيدانلىرى بولۇپ، خورما، بۇغداي، ئارپا، كۆكتات، مېۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. شەھەردە خورمىنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى، خىش زاۋۇتى، گىلەمچىلىك فابرىكىسى قاتارلىق زاۋۇت - فابرىكىلار بار. ھاۋا يولى، تاشيوللار ئارقىلىق مەككە ھەم جېددا پورتلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ.
دائىرە: ئىسلام ئاتالغۇلىرىبۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى «شەھەر» دېگەنلىك بولۇپ، قىسقارتىلىپ «مەدىنە نەبى» (پەيغەمبەر شەھىرى) دېيىلىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ھىجازنىڭ چېگرىسى ئىچىدە، بۇرۇن يەز رىب دېيىلەتتى. 622 - يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىن مۇشۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلدى. شۇ يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قوماندانلىق قىلغان 70 مۇھاجىر بىلەن شۇ يەرلىك ئەنسارىلار ۋە ئاھالىلار بىرلىشىپ كېلىشىم ھاسىل قىلىپ «مەدىنە ئۇيۇشما نىزامنامىسى» نى ئېلان قىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمانلار ئۇممەسىنى قۇردى. بۇ ئۇممە ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى چاغلاردىكى پائالىيەت مەركىزى بولدى. مەدىنىدىكى مەشھۇر «مەسچىتى نەبى» نى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سالغان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىندى. مۇسۇلمانلار مۇشۇ يەرگە كېلىپ پەيغەمبەر قەبرىسىنى زىيارەت قىلىدۇ. بۇ يەردە نۇرغۇن مەشھۇر مەسچىتلەر بار. بۇ يەر ئىسلام دىنىدىكى مۇقەددەس جايلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر بۇ يەردە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى بار.
دائىرە: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى