Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەدھىيە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەرەبچە ماختاش سۆزىدىن
بىرەر كىشى، ھادىسە ياكى قەدىرلىك نەرسىگە ئاتاپ، ئۇنى مەدھىيلەپ يېزىلغان شېئىر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ماختاش سۆزى، قەسىدە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر كىشى، تەشكىلات، ۋەقەنى ماختاپ يازغان شېئىر ياكى ئېيتقان سۆز.
ئۆزىگە مەدھىيە ئوقۇغاننىڭ تىڭشىغۇچىسى ئۆزى. ئۇ پارتىيىگە ئاتاپ قەسىدە يازدى. بىلىملىك كىشى جاھاننىڭ ئالقىشىغا ئېرىشەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كىشى، نەرسە ۋە شۇنىڭدەك بىرەر ۋەقە، ئىشنى ماختاپ يېزىلغان، ئوقۇلغان شېئىر ياكى نۇتۇق؛ ماختاش سۆزى.
مەدھىيە ئوقۇماق. ۋەتەنگە مەدھىيە. ئەلگە مەدھىيە.