Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەدەنىيەت
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەدەنىيەت، تەرەققىيات، شەھەرلىشىش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئىنسانلارنىڭ جەمئىيەت تارىخى تەرەققىياتى جەريانىدا ياراتقان ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلىرى، ئۇتۇقلىرى. ئادەتتە ئۇ كۆپرەك مەنىۋى بايلىقلارنى يەنى ئەدەبىيات - سەنئەت، مائارىپ، ئىلىم - پەن قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
بىرەر ئىجتىمائىي گۇرۇپپا، سىنىپ ياكى خەلقنىڭ مەلۇم دەۋردە قولغا كەلتۈرۈلگەن شۇنداق ئۇتۇقلىرىنىڭ دەرىجىسى.
سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت. پرولېتارىيات مەدەنىيىتى. بۇرژۇئازىيە مەدەنىيىتى.
<ئارخېئول> ئوخشاش بىر تارىخىي دەۋردە، تارقىلىش نۇقتىسىنىڭ يۆتكىلىشىگە قارىماستىن ساقلىنىپ قالغان خارابە ئىزلىرى ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ يىغىندىسى.
يېزىق ئىشلىتىش قابىلىيىتى، ئومۇمىي ساۋات؛ تەلىم - تەربىيە كۆرگەنلىك، زىيالىيلىق؛ مەرىپەت.
مەدەنىيەتتە ئارقىدا قالماق. مەدەنىيەت ئۆگىنىشى. مەدەنىيەت سەۋىيىسى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
مەدىنىيەت
مەدەنىيەتلىك، شەھەرلىك