Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەڭ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
يەم، دان.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
يەم، دان، يېمەكلىك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەدەندە بولىدىغان قارا بۆرتمە. بۇرۇننىڭ تۈۋىدە بولغىنى كىشىگە ھۆسىن قوشىدۇ.
ئۆستەڭ يارىشىقى تال، قىز يارىشىقى خال. مەڭدەك دورا ئېغىر كېسەلنى ساقايتار.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
دان، يەم.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: قۇش تۇزاققا مەڭ ئۈچۈن ئىلىنۈر _ قۇش تۇزاققا يەم ئۈچۈن ئىلىنەر. بۇ ماقال ئۇزۇق ئىزلەپ، قىينچىلىققا ئۇچراپ قالغان ئادەمگە قارىتىپ ئېيتىلىدۇ.
3 - 490
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
مەڭ.
شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
بېرىڭ ماڭا سۆزكىيە
مەڭلىگ قارا تۇز قىيا
يەلۋىن تۇتار كۆزكىيە
مۇڭۇم مەنىڭ بىلىڭە
«ماڭا بىر سۆز (ۋەدە) بېرىڭ،
قارا مەڭلىك گۈزەل يۈزلۈكۈم،
كۆزلىرىڭىز (مېنى) سېھىرلىۋالدى،
مۇڭ - زارىمنى بىلىڭە.»
ماڭا ۋەدە قىلىپ سۆز بېرىڭ، ئىي قارا مەڭلىك، سېھىرلىك كۆزلىرى بىلەن ئوۋلايدىغان، تىلى چۈچۈك گۈزەل؛ مېنىڭ ئىشقى - مۇھەببەتتىن تارتقان مۇشەققىتىم، مۇڭ - زارىمنى بىلىڭ.
3 - 490
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
(1) يەم، دان، (2) مەڭ، خال
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
شەكىل، ئۇسلۇب
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خال.
گۈلباھار بۇ مەڭگە قارىغانسېرى ئەجەبلىنەتتى.