Uyghurئاساسىي لۇغەت
مىڭ دېتاڭ سۈلۈكى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى خۇفىيە سۈلۈكىگە مەنسۇپ شۆبىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئەسلىي ليۇمىن سۈلۈكى دېيىلەتتى. بۇ سۈلۈكنى لەنجۇدىكى نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن خۇيزۇ ليۇ بوياڭ (1649 - 1737) قۇرغان. 1673 - يىلى شەن مېيجىڭ شىنىڭدا ھىدايىتۇللا ئىشاندىن تەلىم ئېلىۋاتقاندا، ليۇ بوياڭ بىلەن مادىيەنگۇڭلار شەن مېيجىڭنىڭ دىننى تەبلىغ قىلىشىغا ياردەملەشكەن. كېيىن مادىيەنگۇڭ ھەمىشە شەن مېيجىڭ بىلەن بىللە باشقا جايلارغا بېرىپ، دىننى تەشۋىق قىلغان. ليۇ بوياڭ بولسا شەن مېيجىڭنىڭ لەنجۇدىكى نائىبلىقىنى قوللىغان. ليۇ بوياڭ ئۆمۈرىنى ئىستىقامەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن. ئاددىي - ساددا ياشىغان، سۆز - ھەرىكەتتە ئېھتىياتچان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە بولغان. قېرىپ ھەرىكەت قىلىش بىئەپ بولۇپ قالغاندا ئۇنىڭ ئوغلى ھەسەن نائىب بولغان، ئاتا - بالا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، لەنجۇدىكى شىجىنچاۋغا دەپنە قىلىنغان. كىشىلەر ليۇ بوياڭغا ئاتاپ گۈمبەز سېلىپ، بۇ گۈمبەزنى چاۋزى گۈمبىزى دەپ ئاتىغان. ليۇبوياڭ ھەم شەن مېيجىڭنىڭ ياردەمچىسى، ھەم نائىبى بولۇپ، سۈلۈكنىڭ دىنىي ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن. ئۆز ئالدىغا دىنىي تەبلىغات بىلەن شۇغۇللانمىغان، لېكىن تارىختا ليۇ بوياڭ بىلەن شەن مېيجىڭ ھىدايىتۇللا ئىشاندىن تەلىم ئالغاچقا، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلەرنى ليۇمىن سۈلۈكى دەپ ئاتىغان. بۇ سۈلۈكنىڭ مۇرىدلىرى گەنسۇدىكى لەنجۇغا ۋە چىڭخەيدىكى شىنىڭغا تارقالغان. لەنجۇ شىجىنچاۋ گۈمبىزى 50 - يىللاردا يول ياساش تۈپەيلىدىن نەنشەنگە كۆچۈرۈلگەن، 1985 - يىلى نەنچىڭدىن سەككىز مو يەر ئاجرىتىلىپ گۈمبەز قايتىدىن سېلىنىپ، ئىسمى نەنپىڭ گۈمبىزى دەپ ئۆزگەرتلگەن.