Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
马佐阿
دۇنيا تارىخى
ماتسۇئا
(1899 - 1942) كونگو (براززىۋىل) دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، كاتولىك دىن تارقاتقۇچىسى، تاموژنىنىڭ ياللانما خىزمەتچىسى بولغان. 1925 - يىلى فرانسىيىگە بېرىپ يەرلىك بىڭتۇەنگە قاتناشقان. ھەربىي سەپتىن قايتقاندىن كېيىن سېنا ئۆلكىسىدە بوغالتىر بولغان. 1926 - يىلى فرانسىيىگە قاراشلىق ئېكۋاتور ئافرىقىلىقلىرى دوستلۇق جەمئىيىتى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. پارىژدا قولغا ئېلىنىپ، كونگو (براززىۋىل)غا يالاپ ئېلىپ كېلىنگەن. ئىككىنچى يىلى ئۈچ يىل قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ، چادقا سۈرگۈن قىلىنغان. كېيىن فرانسىيىگە قېچىپ بېرىپ، ئۆز ئىختىيارى بىلەن ھەربىيگە قاتناشقان. 1910 - يىلى يەنە قولغا ئېلىنىپ، كونگو (براززىۋېل)غا يالاپ ئېلىپ كېلىنگەن. 1941 - يىلى 2 - ئايدا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ، ئىككىنچى يىلى تۈرمىدە ئۆلگەن.