Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مازداك مەزھىپى
دائىرە: دۇنيا تارىخى马兹达克教派
mǎ zī dá kè jiào pài
زورو ئاستىر دىنىنىڭ بىدئەت مەزھىپى. ساسسانىيلار سۇلالىسى مەزگىلىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، مەزكۇر مەزھەپنىڭ رەھبىرى مازداكنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. مانى دىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلار دۇنيادا ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، يەنى يورۇقلۇق بىلەن زۇلمەتنىڭ كۈرىشى مەۋجۇت؛ جەمئىيەتتىكى ئېزىش ۋە باراۋەرسىزلىك يامانلىق، يەنى يامانلىقنىڭ مەھسۇلى؛ ياخشىلىق ھامان يامانلىقنى يېڭىدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشنى تەرغىپ قىلىدۇ. يەر، سۇ مەنبەسى ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنىڭ ئومۇمنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مىلادى 491 - 529-يىللىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن (<مازداك قوزغىلىڭى> غا قاراڭ). قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، يەنىلا ئىراندا مەخپىي مەۋجۇت بولغان ھەمدە ئەزەربەيجان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. تەخمىنەن ⅢⅩ ئەسىردىلا ئاندىن پەيدىنپەي يوقالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.