Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مازاندىران قوزغىلىڭى
دائىرە: دۇنيا تارىخى马赞德兰起义
mǎ zàn dé lán qǐ yì
ⅨⅩئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئىراندىكى باب مەزھىپى مۇرىتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق قوزغىلىڭى. ئىراننىڭ شىمالىدىكى مازاندىران ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەچكە شۇنداق دەپ ئاتالغان. قوزغىلاڭ رەھبىرى موللا مۇھەممەد ئالى بار - فۇرۇشى. 1848-يىلى 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، ئۇ ئىران پادىشاھى ئۆلگەندىن كېيىنكى ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تاشلا - تارتىش قىلىۋاتقان قالايمىقانچىلىق ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، باب مەزھىپى مۇرىتلىرىنى باشلاپ بار فۇرۇش شەھىرىدە (ھازىرقى بابور) ئاشكارا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. دەسلەپكى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن قوزغىلاڭچىلار شەھەر سىرتىدىكى شەيخ تەبەرى مازىرى ئەتراپىدىكى ئورمانلىقنى بازا قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ <ھەققانىيەت ئالىمى> دىن ئىبارەت ئىجتىمائىي ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان. قوزغىلاڭچى قوشۇن 1849-يىلى 5-ئايدىن ئىلگىرى پادىشاھ قوشۇنىنى بىر نەچچە قېتىم مەغلۇپ قىلغان. كېيىن ئوردا 10 مىڭغا يېقىن ئەسكەر توپلاپ ھەمدە زەمبىرەك قاتارلىق ئېغىر قوراللارنى ئىشلىتىپ، شۇ يىلى 5-ئايغا بارغاندىلا ئاندىن قوزغىلاڭنى باستۇرغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.