Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مائىپو جېڭى
دائىرە: دۇنيا تارىخى迈波战役
mài bō zhàn yì
لاتىن ئامېرىكىسى مۇستەقىللىك ئۇرۇشىدىكى مۇھىم جەڭ. چىلىنىڭ سانتياگو شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىن بەش كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مائىپو تۈزلەڭلىكىدىكى شىددەتلىك جەڭ بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1817-يىلنىڭ بېشىدا سان مرتىن بىلەن ئوھىگگىنس ئارگېنتىنادىن قوشۇن باشلاپ چىقىپ، ئاندېس تېغىدىن ئۆتۈپ چىلىغا كىرىپ، 2-ئاينىڭ 12-كۈنى چىلى مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇ يىلنىڭ بېشىدا ئىسپانىيىنىڭ پېرۇدىكى مۇستەملىكىچى قوشۇنى دېڭىزدىن چېلىنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلغان. 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىككى قوشۇننىڭ ھەر بىرىدىن تەخمىنەن 5000 دىن كىشى مائىپو تۈزلەڭلىكىدە شىددەتلىك جەڭ قىلغان. سان مارتىن قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. بۇ قېتىمقى جەڭ چىلىنىڭ شىمالى ۋە ئوتتۇرا قىسمىنىڭ مۇستەقىللىكىنى كاپالەتلەندۈرگەن ھەمدە سان مارتىننىڭ پېرۇغا يۈرۈش قىلىشى ئۈچۈن شەرت - شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.