Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ماتارام دۆلىتى
دۇنيا تارىخى
马丁蓝国
mǎ dīng lán guó
ھىندۇنېزىيىنىڭ ئىسلام فېئودال پادىشاھلىقى. ⅥⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرا ياۋادىكى يوگياكارتا رايونىدا مەيدانغا كەلگەن. ئەسلى دېماك دۆلىتىنىڭ فېئودال سۇيۇرغالى ئىدى. كېيىن باجاڭ دۆلىتىگە تەۋە بولغان. 1582 - يىلى شۇ يەردىكى فېئودال يەر ئىگىسى سۇتاۋىد - جاجا سېنوپاتى (؟ - 1601) باجاڭ دۆلىتىنى يوقىتىپ، ماتارام دۆلىتىنى قۇرغان. سۇلتان ئاگۇڭ تەختتە تۇرغان چاغدا (1613 - 1645) ئوتتۇرا ياۋا ۋە شەرقىي ياۋا رايونلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. ياۋانىڭ دېڭىز بويىدىكى سورابايا ۋە كىرېبۇنلارنى ئىشغال قىلغان ھەمدە تەسىر دائىرىسىنى سۇماترانىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىغا كېڭەيتكەن. ئاماڭكۇرات Ⅰ تەختتە تۇرغان چاغدا (1645 - 1677) زوراۋانلىق قىلغان ھەمدە ئېغىر باج - سېلىق ئالغانلىقتىن ترۇنۇجۇجۇ ئۇرۇشى پارتلىغان. 1677 - يىلى ئۇنىڭ ئوغلى ئاماڭكۇرات Ⅱ گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان ھەمدە گوللاندىيەنىڭ شەرقىي ھىندىستان شىركىتى بىلەن شەرتنامە ئىمزالاپ، ئۇنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان. 1704 - يىلى گوللاندىيىنىڭ شەرقىي ھىندىستان شىركىتى ماتارام زېمى نىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىشغال قىلىۋالغان. 1755 - يىلى ماڭكۇيۇمى ئۇرۇشىدىن كېيىن گوللاندىيە ئۇنى يوگياكارتا ۋە سوڭئايغا بۆلۈۋەتكەن. بۇ ئىككى دۆلەت گوللاندىيىنىڭ شەرقىي ھىندىستان شىركىتىگە بويسۇنۇشقا مەجبور بولغان.