Uyghurئاساسىي لۇغەت
ماستابا
دۇنيا تارىخى
ئەرەبچە <تاش سۇپا> دېگەن مەنىدە، قەدىمكى مىسىرنىڭ پادىشاھ - ئاقسۆڭەڭلىرىنىڭ قەبىرىسى. چوڭ - چوڭ تاشلاردىن قوپۇرۇلغان بولۇپ، كۆپىنچە پەلەمپەي شەكىلدە ئالتە ياقلىق (ئۇزۇن ئورۇندۇقلارنى دەستىلەپ قويغاندەك) كېلىدۇ. يەر ئاستى (لەھەت) ۋە يەر ئۈستى (خانىقا) ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدۇ. قەدىمىي پادىشاھلىقنىڭ ئۈچىنچى خاندانلىقىنىڭ فىرئەۋىنى دجوسېرنىڭ ئالتە قات پەلەمپەي شەكىلدىكى (ئېگىزلىكى تەخمىنەن 60 مېتىر) ماستاباسى بار. مىسىرنىڭ ئېھرامى ئەنە شۇ ماستابادىن ئۆزگىرىپ كەلگەن.