Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ماسىراھ ئارىلى
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەر马西拉岛
mǎ xī lā dǎo
ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئوماننىڭ ئەڭ چوڭ ئارىلى، ئارال بىلەن ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنى 16 كىلومېتىر كەڭلىكتىكى ماسىرا بوغۇزى ئايرىپ تۇرىدۇ، ئارالنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تاغ ئارىلىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 190 مېتىردىن ئاشمايدۇ. ئارىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 64 كىلومېتىر، كەڭلىكى 16 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ ئارال كىچىك بولسىمۇ، ئۇنىڭ ستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ، ئارالنىڭ شەرقىي شىمال بۇرجىكىدە ھەربىي ئارودرومى بىلەن دېڭىز ئارمىيە بازىسى بار، ئارالدىكى خەلقلەر بېلىقچىلىق ھەم چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.