Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ماسپېرو
دۇنيا تارىخى
马斯伯乐
mǎ sī bó lè
(1) گاستون ماسپېرو (1846 - 1916). فرانسىيىلىك مىسىرشۇناس. 1865-يىلى پارىژغا كېلىپ كاتتا ئۇستازدىن تەلىم ئالغان. فرانسىيە ئىنىستىتۇتىدا مىسىر ھەققىدە دەرس ئۆتكەن. 1881-يىلى مىسىرغا بېرىپ ئارخېئولوگىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، قاھىرەدە فرانسىيەشەرق ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتىنى قۇرغان ھەمدە قاھىرە مۇزېيىنىڭ باشلىقى بولغان. مىسىرنىڭ ساككىرا قاتارلىق يەرلىرىدە قەدىمكى پادىشاھلىقنىڭ ئېھرام ئويما خېتى ۋە يېڭى پادىشاھلىقنىڭ فىرئەۋىن مومياسىنى تاپقان. ئۇنىڭ ئۈچ توملۇق <شەرق خەلقىنىڭ قەدىمىي تارىخى> دېگەن ئەسىرى بولۇپ بۇنىڭدىكى ماتېرىياللاr مول بولۇپ، يېقىن شەرق ۋە ئوتتۇرا شەرق تارىخىي تەتقىقات نەتىجىلىرى يىغىنچاقلاپ بايان قىلىنىپ شۆھرەتكە ئېرىشكەن. ئۇ قەدىمىي شەرقتىكى ھەرقايسى ئەللەردە فېئوداللىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنەق ۇل ئەمگىكى ئىشلىتىلگەن دەپ قارىغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن يەنە - <مىسىر ئارخېئولوگىيىسى>، <قەدىمىي مىسىردىكى خگلق ئارىسىدىكى رىۋايەتلەر>، <مىسىر سەنئىتى> قاتارلىقلار بار. (2) ھېنرى ماسپېرو (1883 - 1945). خەنزۇچە ئىسمى ما بولې (马伯乐). گاستون ماسپېرونىڭ ئوغلى. فرانسىيىلىك خەنزۇ شۇناس. ھىندىچىنى تىل مۇتەخەسسىسى. 1891-يىلى فرانسىيە يىراق شەرق ئىنستىتۇتىنىڭ (خانويدا) پروفېسسورى بولغان. ۋېيتنام تىلى ۋە تارىخىنى تەتقىق قىلغان. 1920-يىلدىن باشلاپ فرانسىيە ئىنستىتۇتىنىڭ خەنزۇ تىلى ۋە ئەدەبىيات پروفېسسورى بولغان. 1935-يىلى ارانسىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئەزاسى بولغان، 1944-يىلى مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ باشلىقى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوغلى فاشىسىزمغا قارشى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقتىن، گېرمان قوشۇنى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، لااگىردا ئۆلگەن. ئۇنىڭ <قەدىمى جۇڭگو> دېگە نكىتابىدا ئاساسەن مىلادىدىن ئىلگىرى ⅡⅩ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىرگىچە بولغان جۇڭگونىڭ قەدىمكى جەمئىيەت تارىخى بايان قىلىنغان، ئۇنىڭدا ئەينى چاغدا جۇڭەونىڭ ئىقتىسادىي ئاساسەن ئىپتىدائىي تېرىقچىلىق تۈزۈمى بولغان، سىياسىي جەھەتتە بولسا ئاقسۆڭەكلەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەپ ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ تويىن دىنىنىڭ بالرىققا كېلىشى ۋە بۇددا دىنىنىڭ جۇڭگونىڭ تويىن دىنىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە بۇددا دىنىنىڭ جۇڭگودا تارقىلىش تارىخىنىمۇ تەتقىق قىلغان ئۇنىڭ يەنە <تايلاند تىلى سىستېمىسىنىڭ تەلەپپۇزى ھەققىدە ئىزدىنىش>، <ۋېيتنام تىلى سىستېمىسىنىڭ تەلەپپۇزىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەققىدە تەتقىقات>، <جۇڭگونىڭ دىن ۋە تارىخى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش>، <جۇڭگونىڭ سىياسىي ئاپپاراتى ۋە تۈزۈمى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
تارىخ
马伯乐
mǎ bó lè