Uyghurئاساسىي لۇغەت
ماسلىشىش
پسىخولوگىيە
( كۆنۈكۈش ) بۇ پىسخولوگىيىدە سەزگۈنىڭ ماسلىشىشى، يەنى رېتسىپتور داۋاملىق غىدىقلانغاندا، سېزىمچانلىقتا پەيدا بولغان يۈكسىلىش ياكى پەسەيتىش ئۆزگىرىشى. مەسلەن، يورۇقلۇقتىن قاراڭغۇ ئۆيگە كىرگەندە، دەسلەپ ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەيمىز، بىر پەس ۋاقىت ئۆتۈش بىلەن ئاجىز يورۇقلۇققا بولغان سېزىمچانلىق تەدرىجىي يۈكسىلىپ، كۆرۈش سەزگۈمىز ئاستا - ئاستا ئەسلىگە كېلىدۇ. مانا بۇ قاراڭغۇلۇققا ماسلىشىش ( كۆنۈكۈش ) دەپ ئاتىلىدۇ. ئەكسىچە قاراڭغۇ جايدىن يورۇق جايغا كىرسەك، كۆزىمىز ئىمىر - چىمىر بولۇپ، نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەي قالىمىز، بىر نەچچە سېكۇنتتىن كېيىن، كۈچلۈك نۇرغا بولغان سېزىمچانلىق تېزلىك بىلەن تۆۋەنلەپ، كۆرۈش سەزگۈمىز نورماللىشىدۇ. مانا بۇ ھال يورۇقلۇققا ماسلىشىش دەپ ئاتىلىدۇ. شەپكورلۇق ( ناماز شام قارغۇسى ) قاراڭغۇغا ماسلىشىش قابىلىيىتىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. ماسلىشىش پۇراق ( ھىد )، ئاڭلاش، تەم، تېرە سەزگۈلىرىدىمۇ يۈز بېرىدۇ. ئاغرىشقا ماسلىشىش ھادىسىسى تازا ئېنىق ئەمەس.