Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مارىئانا ئارىلى
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەر马里亚纳岛
mǎ lǐ yà nà dǎo
تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان ئاراللار بولۇپ، شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلغان سايپان، تىنىئان، روتا قاتارلىق 16 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئاھالىنىڭ كۆپىنى مېكرونېزىيىلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. مارىئانا ئاراللىرىغا 1565 - يىلى ئىسپانىيىلىكلەر بېسىپ كىرگەن، 1899 - يىلى گېرمانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئا ق ش نىڭ باشقۇرۇشىدا ئۆتكەن. بۇ جايدا ھازىر ئا ق ش نىڭ مۇھىم دېڭىز ئارمىيە بازىلىرى بار. يەرلىك خەلق شېكەر قومۇشى، كوكۇس پالمىسى، ئاپېلسىن، كاكائو قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىدۇ، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئارالدا فوسفورلۇق مىنېرال، گۈڭگۈرت، مارگانېتس قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.