Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مارت ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
三月事件
sān yuè shì jiàn
1931 - يىلى 3 - ئايدا ياپونىيە نورۇزگۈل جەمئىيىتى پىلانلىغان لېكىن ئەمەلگە ئاشمىغان قوراللىق سىياسىي ئۆزگىرىش. تاتېكاۋ يوشىجى، كوئىسو كۇنىئاكى قاتارلىق قۇرۇقلۇق ئارمىيە باشلىقلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، ىاشىموتوكىنكورا (1890 - 1957) باشچىلىقىدىكى نورۇزگۈل جەمئىيىتى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسىرلىرى ئوكاۋا شۇمېي قاتارلىق ئوڭ قانات كاتتىباشلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، قوراللىق سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ئارمىيىنىڭ فاشىستىك ھاكىمىيىتىنى قۇرماقچى بولغان. 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، سوتسىيالىستلار خەلق پارتىيىسىنىڭ ئىشچىلارنى نامايىشقا تەشكىللىگەنلىكىدىن پايدىلنىپ، ئارمىيىنى پارلامېنتنى قورشىۋېلىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، مۇۋەققەت باش ۋەزىر شىدېخاراكىجۇرا ۋە ئىچكى كابېنت ئەزالىرىنى ئىستېپا بېرىشكە مەجبور قىلىپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى ئۇگاكا كازۇشگې باشچىلىقىدىكى ئارمىيىنىڭ ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمىتىنى قۇرماقچى بولغان. بىراق نۇرۇزگۈل جەمئىيىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا پىكىر بىرلىككە كەلمىگەنلىكتىن، بۇنىڭ ئۈسىتگە ئۇگاكى كازۇشىگې پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتقانلىقتىن، سۈيقەست ئەمەلگە ئاشمىغان. سۈيقەستنى پىلانلىغۇچىلار ھېچقانداق جازالانمىغاچقا، كېيىن ياپون ئارمىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا مۇشۇنداق ۋەقە ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ تۇرغان.