Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مارتىن لۇتېر
دائىرە: دىنى سۆزلۈكلەرخىرىستيان دىنى
马丁.路德
mǎ dīng .lù dé
دائىرە: دۇنيا تارىخى马丁.路德
mǎ dīng .lù dé
(1483 - 1546). ⅥⅩ ئەسىردىكى گېرمانىيەنىڭ دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىنى تەشەببۇس قىلغۇچى. خرىستىئان دىنىدىن بولغان لۇتېر مەزھىپى (پروتېستانتنىڭ بىر تارمىقى) نىڭ ئاساسچىسى. ئېسلېنېن (سابىق دېموكراتىك گېرمانىيەنىڭ غەربىي - جەنۇب قىسمى) دىكى بىر كان ئىگىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ماگدېبۇرگ (ۋە ئېسېناچلار) دا ئوقۇغان. 1501 - يىلى ئېرفورت داشۆسىدە قانۇنچىلىقنى ئۆگەنگەن ھەمدە ئىنسانپەرۋەرلەر بىلەنمۇ ئارىلىشىپ تۇرغان. 1507 - يىلى مىسسىئونېر بولغان. 1508 - يىلى ئېرفۇرت داشۆسىدە پەلسەپە ئوقۇغان. 2151 - يىلى ئىلاھىيەت دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان ھەمدە ۋىتتېنبېرگ داشۆسىدە ئىلاھىيەت پروفېسسورى بولغان. 1517 - يىلى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى پاپانىڭ گۇناھتىن ساقىت قىلىش سۈرىسىنى سېتىشقا ھۇجۇم قىلىدىغان <95 ماددىلىق پروگرامما> نى ئېلان قىلغان. 1520 - يىلى يەنە <گېرمان خرىستىئان ئاقسۆڭەكلىرىگە مەكتۇپ>، <چېركاۋدىكى بابىلون مەھبۇسلىرى>، <خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ ئەركىنلىكى ھەققىدە> قاتارلىق ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەقىدىسى: مىسسىئونېر - ئادەم بىلەن خۇدا ئوتتۇرىسىدىكى ۋاستىچى ئەمەس، مۇخلىسلار مىسسىئونېرلارنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى ھەرخىل دىنىي مۇراسىملار (مۇقەددەس ئىشلار) ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى پەقەت ئېتىقادقا تايانغاندىلا ئاندىن روھىي قۇتقۇزۇشقا ئېرىشەلەيدۇ، دەپ ھېسابلىغان. <تەۋرات> نىڭ نۇپۇزىنى تەكىتلەپ، پاپا ئېلان قىلغان پەرمان، ئېلان ۋە دىنىي يىغىنلاردا ماقۇللانغا قارارلارغا سەل قارىغان ھەمدە ھەربىر مۇرىتنىڭ <ئىنجىل> نى ئۇقۇشقا بولىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلغان. مۇشۇ ئاساستا قۇرۇلغان پاك چېركاۋدا مەرتىۋە - دەرىجە تۈزۈمى ۋە چاكىنا قائىدە - يوسۇنلار يوق بولغاچقا، بۇ شەھەر ئاھالىلىرى ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن بۇرژۇئازىيىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە چېركاۋنىڭ مال - مۈلكىنى تارتىۋېلىپ ئۆزىنى بېيىتىشنىڭ كويىدا بولغان دەھرىي كىنەزلىكلەرنىڭ قوللىشىغىمۇ ئېرىشكەن. 1521-يىلى 5-ئايدا مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى چارلېس Ⅴ ۋورمىستا ئىمپېرىيە يىغىنى چاقىرىپ مارتىن لۇتېرنى غەريرىي بىدئەت دەپ جاكارلىغان (ۋورمىس پەرمانىغا قاراڭ). كېيىن ساكسونىيىدىكى كورۇل سايلىغۇچى كىنەزلەر تۇرۇشلۇق ۋارتېۇرگقا بېرىپ <ئىنچىل> نى نېمىس تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەن. بۇ نېمىس تىلىنى راۋالاندۇرۇشقا تۆھپە قوشقان. گېرمانىيىدىكى دېھقانلار ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ئاشكارا ھالدا كىنەزلەر تەرەپكە ئۆتكەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.