Uyghurئاساسىي لۇغەت
مارتى
دۇنيا تارىخى
(1853 - 1895) كۇبانىڭ مىللىي قەھرىمانى. مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، سىياسىي ئەرباب ۋە شائىر. ئىسپانىيىدىكى نامرات كىچىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش دەۋرىدە ئازادلىق ھەرىكىتىگە ئاتلىنىپ، ئىلگىرى - كېيىن <ئەركىن ۋەتەن> ۋە <ۋەتەن> گېزىتلىرىنى چىقىرىپ، ئىنقىلاب ھەققىدە تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. 7018 - يىلى قولغا ئېلنىپ، ئېغىر ئىشقا سېلىنغان. ئىككىنچى يىلى ئىسپانىيىگە سۈرگۈن قىلىنغان، سۈرگۈن مەزگىلىدە، قانۇن ۋە پەلسەپەنى بېرىلىپ ئۆگەنگەن ھەمدە شېئىر يېزىپ، خەلقنى قوزغىلىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان. 1875 - يىلى ئامېرىكا قىتئەسىگە قايتىپ، مېكسىكا ۋە گۋاتېمالا قاتارلىق جايلاردا ئولتۇراقلاشقان، 1878 - يىلى كۇباغا قايتىپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى كۈرەشكە قاتناشقاندا، يەنە بىر قېتىم ئىسپانىيىگە سۈرگۈن قىلىنغان، 1881 - يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ ئىنقىلابىنى تەشۋىق قىلىش ۋە تەشكىللەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1892 - يىلى كۇبا ئىنقىلابىي پارتىيىسىنى تەشكىللەشكە رەھبەرلىك قىلغان .ئۇ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى كۇبا مۇھاجىرلىرىنى مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئۇيۇشتۇرغان. 1895 - يىلى كۇبا مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنى قوزغىغان ھەمدە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان. 4 - ئايدا ھەربىي قىسىملارنى باشلاپ، كۇبانىڭ شەرقىي دېڭىز ياقىسىدىكى پىلايىتاستا قۇرۇقلۇققا چىققان. 5 - ئايدا دوس - رىئوس جېڭىدە قۇربان بولغان. <ئىسمەيرىلو>، <ساددا شىر>، <ئەركىنلىك> قاتارلىق شېئىرلار توپلىمى ۋە <ئابورادا> ناملىق درامىسى بار.