Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مارستون جېڭى
دائىرە: دۇنيا تارىخى马斯顿战役
mǎ sī dùn zhàn yì
ئەنگلىيىنىڭ بۇرژۇيئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى پارلامېنت ئارمىيىسى بىلەن پادىشاھپەرەسلەر ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى بىر قېتىملىق چوڭ جەڭ. 1644-يىل 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەنگلىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مارستون چۆللىكىدە يۈز بەرگەنلىكتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. پادىشاھپەرەسلەرنىڭ قوماندانى رۇپېرت (1619 - 1682) يورك بازىرى مۇھاسىرىدىن بوشانغاندىن كېيىن پارلاېمتن ئارمىيىسىنى مارستون چۆللۈككىگىچە قوغلىشىپ بارغان، كرومۋېل قوشۇنىنى باشلاپ بۇ يەردە روپېرت قوشۇنىنىڭ سول قانىتىنى تېرى - پېرەڭ قىلغان ھەمدە پادىشاھپەرەسلەر ئارمىيىسىنىڭ ئوتتۇرا يولىغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ غەلىبە قازانغان، پادىشاھپەرەسلەر ئارمىيىسى 3 - 4 مىڭ ئادىمىدىن ئايرىلغان. پارلامېنت ئارمىيىسى شۇنىڭ بىلەن مەغلۇبىيەتنى غەلىبىگە ئايلاندۇرغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.