Uyghurئاساسىي لۇغەت
مارك تۋېن
دۇنيا تارىخى
(1835 - 1910) ئامېرىكىق يازغۇچى. ئەسلى ئىسمى سامئۇل لونخۋېن كلېمېنس بولۇپ، مىسسۇرى شتاتىنىڭ فلورىدا دېگەن جايىدىكى يەرتلىك سودىيە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1839-يىلدىن 1853-يىللارغىچە ھاننىبالغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. 1847-يىللارغىچە ھاننىبالغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. 1847-يىلى ئاتىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا تىرىكچىلىك قىلغان. نابورچىك، لوتىسمان ۋە ماتروس بولغان ھەمدە ئالتۇن كان ئىزدىگەن. كېيىن ۋىرگىنىيە شەھىرىدە مۇخبىر بولغان. 1863-يىلدىن باشلاپ مارك تۋېن تەخەللۇسى بىلەن يېزىقچىلىق قىلىشقا باشلىغان. 1867-يىلى نام چىقارغان تۇنجى ئەسىرى <گالاۋىيە ناھىيىسىدىكى ئۇچقۇر پاقا> نى ئېلان قىلغان. شۇ يىلى ياۋروپانى ئايلىنىپ چىقىپ، 50 نەچچە پارچە خەۋەر ئېلان قىلغان. 1869-يىلى <ياۋاش ئادەم چەت ئەلدە> دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ ئەخمەقلىقىنى مەسخىرە قىلغان. 70-يىللارنىڭ باشلىرى ۋارنىر (1829 - 1900-يىللار) بىلەن بىرلىكتە <ئالتۇن ھەل بېرىلگەن دەۋر> دېگەن رومانىنى ئېلان قىلىپ، كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ پۇلنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان چىرىك ماھىيىتىنى پاش قىلغان. 1893-يىلى ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئافرىقا، ياۋروپا، ئاسىيا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغان. جۇڭگو ئىنقىلابىغا چوڭقۇر، ئۇسلۇبى ئېنىق ۋە جانلىق بولۇپ، يۇمۇرلۇق ساتىرىك بولۇشى بىلەن كۆزگە كۆرۈنىدۇ. <توم ساۋىرنىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلىرى>، <خاكبىل فېننىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتلىرى> ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە <شاھزادە بىلەن نامرات بالا> <ئارتور ئوردىسىدىكى ئامېرىكىلىق>، <شتات باشلىقى سايلىمى>، <1 مىليون فونت ستېرلىك> دېگەن ئەسەرلىرى بار.
دۇنيا ئەدەبىياتى
مارك تۋېن ئامېرىكىنىڭ19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى رېئالىزملىق ئەدەبىياتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى سىنىپىي قارىمۇقارشىلىق، ئىرقىي كەمسىتىش قاتارلىق ھەقىقىي ئەھۋاللار ئېچىپ بېرىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ رېئاللىقىنى مۇكەممەل چۈشىنىشىگە ياردەم بەرگەن، شۇڭا ئۇ «ئامېرىكا ئەدەبىياتىنىڭ لىنكولىنى» دەپ ئاتالغان.1865 - يىلى مارك تۋېننىڭ يۇمۇرلۇق ھېكايىسى «كالىۋىراس ناھىيىسىدىكى مەشھۇر پاقا» ئۇزاقتىن بۇيان تارقىلىپ كېلىۋاتقان رىۋايەتكە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ يېزىلغان ھېكايە، ئۇنىڭدا يۇمۇر ۋە قىزىقارلىق ئېغىز تىلى گەۋدىلىك قوللىنىلىپ، ئەينى چاغدىكى ئېچىلىۋاتقان غەربىي رايوننىڭ ئالاھىدە ئادەتلىرى ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بېرىلگەن. شۇڭا، ئۇ بىردىنلا تونۇلغان.
مارك تۋېن ئەسەر ئېلان قىلغاندىن تارتىپ،1910 - يىلى كېسەل بىلەن ۋاپات بولغانغا قەدەر50 نەچچە يىل ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، نۇرغۇن ھېكايە، ساياھەت خاتىرىسى ۋە سىياسىي نەزەرىيىۋى ماقالىلەرنى يازغان. «خاكبىل فايننىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىسى» ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. ئاپتور نېگىر قۇل بالا جېم بىلەن ئاق تەنلىك بالا خاكنىڭ قېچىش جەريانىدا ئۇچرىغان خىلمۇخىل «كۈتۈلمىگەن ئىش»لىرى ئارقىلىق مىسسىسىپى دەرياسىنىڭ بويىدىكى نامراتلىق ۋە ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنى تەسۋىرلەپ، ئىرقىي ئېزىشنىڭ جىنايىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. ئەسەردە ساددا، ئاق كۆڭۈل، تۇغقانلىرىنى چوڭقۇر، چىن سۆيىدىغان، دوستلىرىغا كۆيۈنۈپ، غەمخورلۇق قىلىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى قۇربان قىلالايدىغان نېگىر جېمنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ، نېگىرلارنىڭمۇ ئاق تەنلىكلەرگە ئوخشاشلا ئالىيجاناب پەزىلەتكە ۋە مول ھېسسياتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. خاك بىلەن جېمنىڭ جاپا - مۇشەققەتنى تەڭ تارتىپ، كېچە - كۈندۈز بىللە بولۇپ، سەمىمىي ئۆتكەن، بىر - بىرىنى ھۆرمەتلىگەن مۇناسىۋىتى ئارقىلىق، ئامېرىكا خەلقىگە نېگىرلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە نەسىھەت قىلىدۇ ۋە تەربىيە بېرىدۇ.
بۇ رومان بەدىئىي جەھەتتە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇنىڭدا رېئالىزملىق ئىنچىكە تەسۋىرلەرمۇ، رومانتىك لىرىكىمۇ بار ھەم پېرسوناژلار پسىخىكىلىق ئوپېراتسىيە قىلىنغان، ھەم ئاجايىپ قىزىقارلىق تەسەۋۋۇرلارمۇ بار، خەلق ئېغىز تىلى، لەھجەلەر كۆپ قوللىنىلغان، ھەم تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك، ھەم ئىخچام، راۋان. روماننىڭ باش تېمىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە بەدىئىي جەھەتتىكى ئىجادىيلىقى ئامېرىكا ئەدەبىياتىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن مۇۋەپپەقىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ئاساسلىق رومانى «ھادلېربورگقا داغ چۈشۈرگەن ئادەم». ئاپتور19 نەپەر «يۇقىرى دەرىجىلىك پۇقرا»نىڭ ئۆزلىرىگە مەنسۇپ بولمىغان بىر خالتا تىللانى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئوينىغان رەزىل ئويۇنىنى ھېكايە قىلىش ئارقىلىق، بۇرژۇئازىيىنىڭ ئاتالمىش «سەمىمىيلىك»، «ئەخلاق» تونىنى رەھىمسىزلىك بىلەن يىرتىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ پۇلپەرەسلىك ۋە ساختا ئاق كۆڭۈللۈك ماھىيىتىنى پاش قىلغان. بۇ روماندا ئاپتور كاپىتالىزم جەمئىيىتىنى مىسلىسىز شىددەتلىك تەنقىد قىلغان.