Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ماركسىزم - لېنىنىزم
دۇنيا تارىخى
马克思列宁主义
mǎ kè sī liè níng zhǔ yì
ماركسىزم ۋە لېنىنىزمنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. تەبىئەت ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى قانۇنىيىتى توغرىسىدىكى پەن، ئېزىلگۈچى ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىنغۇچى ئاممىنىڭ ئىنقىلابى توغرىسىدىكى پەن، سوتسىيالىزمنىڭ بارلىق دۆلەتلەردە غەلىبە قىلىشى توغرىسىدىكى پەن، كوممۇنىزم جەمئىيىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى پەن، شۇڭا ئۇ پرولېتارىيات ھەمدە ئۇنىڭ سىياسىي پارتىيىسىنىڭ ئىدىيىسىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان نەزەرىيىۋى ئاساس. ماركسىزم ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 40 يىللىرى بارلىققا كەلگەن.ئەينى چاغدا پرولېتارىيات بىر مۇستەقىل سىياسىيى كۈچ سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىگە چىققان بولۇپ، ئىنقىلابىي نەزەرىيىنىڭ يېتەكچىلىكىگە تولىمۇ ئېھتىياجلىق بولغانىدى. ماركس ۋە ئېنگېلس ئىنقىلاب ئەمەلىيىتىگە بىۋاسىتە قاتنىشىپ، ياۋروپادىكى ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، نېمىس كلاسسىك پەلسەپىسى، ئىنگلىز كلاسسىك سىياسىي ئىقتىسادى ۋە فرانسۇز خىيالى سوتسىيالىزم تەلىماتىنى تەنقىدىي قوبۇل قىلىپ، پرولېتارىياتقا ماركسىزمنى يارىتىپ بەردى. ماركسىزمنىڭ ئۈچ ئاساسىي تەركىبىي قىسمى - ماركستىك پەلسەپە، ماركستىك سىياسىي ئىقتىساد ۋە ئىلمىي سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت. ماركستىك پەلسەپە، يەنى دىئالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزم- تەبىئەت، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ۋە تەپەككۇر تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ئومۇمىي قانۇنىيەتلىرى توغرىسىدكى پەن، پرولېتارىياتنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە مېتودولوگىيىسى. ماركستىك سىياسىي ئىقتىساد قوشۇمچە قىممەت تەلىماتىنى ئۇل قىلىپ، كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنىڭ ئەسلىدىكى زىددىيىتىنى ئېچىپ بېرىپ، كاپىتالىزمنىڭ مۇقەررەر يوقىلىدىغانلىقى، كوممۇنىزمنىڭ مۇقەررەر غەلىبە قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنى شەرھلىگەن. ئىلمىي سوتسىيالىزم پرولېتارىياتنىڭ كاپىتالىستىك تۈزۈمىنىڭ گۆركارى ۋە كوممۇنىزم جەمئىيىتىنڭ ئىجادكارى ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنىڭ پرولېتارىياتنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي بۇرچىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر يولى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ماركسىزم رەڭگارەڭ ئەكسىيەتچىل پىكىر ئېقىملار بىلەن كۈرەش قىلىش داۋامىدا بېيىغان ۋە راۋاجلانغان. لېنىن جاھانگىرلىك ۋە پرولېتارىيات ئىنقىلابىي دەۋرىدىن ئىبارەت يېڭى تارىخىي شارائىتتا، ماركسىزمنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرغان. لېنىن كاپىتالىزمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچى - جاھانگىرلىكنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، جاھانگىرلىكنىڭ سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنىڭ ھارپىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئاز ساندىكى ھەتتا يالغۇز بىرلا كاپىتالىستىك دۆلەتتە ئالدى بىلەن غالىبە قازىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ، ماركسىزمنىڭ پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى نەزەرىيىسىگە زور تۆھپە قوشۇپ، ماركسىزمنى يېڭى بىر تارىخىي باسقۇچقا ئىلگىرىلەتكەن. لېنىنىمز جاھانگىرلىك ۋە پرولېتارىيات ئىنقىلابىي دەۋرىدىكى ماركسىزم. لېنىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، سىتالىن ماركسىزم - لېنىنىزم ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلغان ۋە ئۇنى قوغدىغان. يولداش ماۋزېدۇڭنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭەو كوممۇنىستلىرى ماركسىزم - لېنىنىزمنىڭ تۈپ قائىدىلىرىگە ئاساسەن، جۇڭگونىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىنقىلابىي ئەمەلىيىتىدىكى بىر قاتار ئۆزىگە خاس تەجرىبىلىرىنى نەزەرىيىۋى ئومۇملاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئەھۋالىغا باب كېلىدىغان ئىلمىي يېتەكچى ئىدىيە - ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسىنى شەكىللەندۈردى. ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى - ماركسىزم - لېنىنىزمنىڭ ئومۇمىي قائىدىلىرىنى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى، ماركسىزم - لېنىنىزمنىڭ جۇڭگودا تەتبىقلىنىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇلۇشى. ھەرقايسى ئەل پرولېتارىيات ۋە ئۇنىڭ سىياسىي پارتىيىسى ماركسىزم - لېنىنىزم نەزەرىيىسىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىنقىلابىي ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن ئىنقىلابىي كۈرەشنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.