Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مارالوۋې
دائىرە: دۇنيا تارىخى马类
mǎ lèi
(1564 - 1593) ئەنگلىيەلىك دراماتورگ. كىمبېرىچ داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. <داشۆدىكى ئىختىساسلىق كىشىلەر>نىڭ بىرى. ئاتېئىست. 1587 - يىلدىن ئېتىبارەت تىياتىر ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان، دەسلەپتە ئارتىست بولۇپ،كېيىن سەھنە ئەسەرلىرى يېزىشقا كىرىشكەن. 1593 - يىلى 5 - ئايدا ساقچى ئىدارىسىنىڭ پايلاقچىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <ئىمپېراتور تېمۇر>، <دوكتور فائوستنىڭ پاجىئەسى>، <پارىژدىكى قىرغىنچىلىق>، <ئېدۋاردا> قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىنسانپەرۋەرلىك تەرغىپ قىلىنىپ، كونا دىنىي، ئەخلاقىي كۆز قاراشلارغا قارشى تۇرغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.