Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
锚头鱼蚤
بىئولوگىيە
لېرنايە
<لەنگەر قۇرت> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قاسىراقلىقلار سىنىپىنىڭ لېرنايە ئائىلىسىگە كىرىدۇ. چىشى قۇرتنىڭ تېنى تۇرۇبا شەكلىدە، يىڭنىگە ئوخشاش ئۇزۇنچاق، 6 - 4.12 مىللىمېتىر ئۇزۇنۇقتا بولىدۇ. تېنى باش، كۆكرەك، قورساقتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. لېكىن ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ ئارىلىقىدا ئېنىق چېگرا بولمايدۇ. باش قىسمىنىڭ دۈمبە، قورساق تەرەپلىرىدە ئىككى جۈپ لەنگەرسىمان ئۆسۈكچىسى بولۇپ، مۇقىملىشىش (چاپلىشىش) ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ، قۇرت تېنى شۇنىڭغا تايىنىپ پارازىت خوجايىنىنىڭ توقۇلمىلىرىغا تېشىپ كىرىدۇ، شۇڭا <لەنگەر قۇرت> دەپ ئاتالغان. كۆكرەك قىسمى نەيچىگە ئوخشاش ئۇزۇن، ئالدى ئىنچىكە، ئاخىرى توم بولىدۇ. تېنىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىنىڭ قورساق تەرىپىدە بىر جۈپ كۆپىيىش تۆشۈكى بولۇپ، كۆپىيىش پەسلىدە دائىم بىر جۈپ تۇخۇم خالتىسى ئېسىقلىق تۇرىدۇ. پازىتلىق ھايات كەچۈرگەنلىكتىن كۆكرەك قىسمىدىكى بەش جۈپ ئۈزگۈچى پۇتلىرى رۇدىمېنتلىشىپ كەتكەن ھەمدە ئارىلىقلىرى خېلى يىراق. لېرنايىنىڭ ئەركىكى ناھايىتى كىچىك، شەكلى سىكلوپۇس بۈرگىسىگە ئوخشاش بولۇپ، ئەركىن ھايات كەچۈرىدۇ ياكى بېلىق تېنىگە ۋاقتىنچە چاپلىشىپ تۇرىدۇ، چېتىشىپ بولغاندىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. چىشى قۇرت باش قىسمى بىلەن تاپانبېلىق، سازانكا قاتارلىق بېلىقلارنىڭ تېرە موسكۇلى ياكى ژابرا (ساقاق) توقۇلمىلىرىغا كىرىپ، قان شوراپ، پارازىت خوجايىنىنى ئورۇقلىتىۋېتىدۇ، پارازىتلانغان ئورۇننىڭ ئەتراپىدىكى توقۇلمىلارنى ياللۇغلىتىپ، قىزىل ئىششىق ھاسىل قىلىپ، چىرىتىپ نابۇت قىلىۋېتىدۇ. 6 - 10 سانتىمېتىر كېلىدىغان بېلىجاننىڭ تېنىدە ئەگەر 3 - 5 تال لېرنايە بۈرگىسى پارازىتلانسا بېلىجان ئۆلۈپ قالىدۇ. كالىي پېرمانگانات (مارگانوپكا) ئېرىتمىسى بىلەن كېسەل بېلىقلارنى يۇيۇش ياكى كۆيدۈرۈلمىگەن ھاكنى سۇ بىلەن بىللە بېلىق كۆلچىكىگە قويۇپ تازىلاش ئارقىلىق مۇداپىئەلىنىشكە بولىدۇ.