Uyghurئاساسىي لۇغەت
مانزونى
دۇنيا تارىخى
(1785 - 1873) ئىتالىيىلىك يازغۇچى ۋە شائىر. مىلاندىكى بىر ئاقسۆڭەكە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. بۇرۇنلار ئانىسىغا ئەگىشىپ پارىژغا بارغان ۋە ئەدەبىيات ساھەسىگە كىرەەن. 1807-يىلى ئىتالىيىگە قايتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ <ئەركىنلىك غەلىبىسى> ناملىق شېئىرىدا فرانسىيە بۇردۇئازىيە ئىنقىلابىنى مەدھىيىلىگەن. كېيىن كاتولىك دىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ <مۇقەددەس غەزەل> ناملىق شدئىرنى يازغان. ئۇنىڭ تارىخىي رومانى <توي قىلىشقا ۋەدىلەشكەن قىز - يىگىت> ى ئىتالىيىنىڭ يېڭى ئەدەبىيات شەكلىنى ياراتقان. بۇ مەشھۇر ئەسەردە 17 - ئەسىردىكى ئىتالىيىدىكى يات مىللەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى فېئودال كۈچلەرنىڭ قوش زۇلمى ئاستىدا قالغان ئوتتۇرا، تۆۋەن تەبىقىدىكى خەلقلەرنىڭ جاپالىق تۇرمۇشى تەسۋىرلىنىپ، 19 -ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى ئىتالىيە مىللەتلىرىنىڭ بىرلىككە كېلىش ۋە مۇستەقىللىك ھەرىكەتلىرىنىڭ تەلىپى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، بۇ كىتاب ئىتالىيە پروزىچىلىق ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ ئۈلگىسى ھەمدە ياۋروپا 19 - ئەسىردىكى رومانتىزم ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ، كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. تراگېدىيىلىك ئەسەلىرى <گراف كامانورا> ۋە <ئادېلىز> ئىتالىيە رومانتىزم ئەدەبىياتىغا خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن. <1821-يىلى 3-ئاي>، <5-ماي> ناملىق لىرىكىلىق شېئىرلارنى ۋە <رومانىتىزم توغرىسىدا> ناملىق نەزەرىيىۋى شېئىرلارنى ۋە <رومانىتىزم توغرىسىدا> ناملىق لىرىكىلىق شېئىرلارنى ۋە <رومانىتىزم توغرىسىدا> ناملىق نەزەرىيىۋى ئەسەرلەرنى يازغان.