Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مانېرھېيىم
دائىرە: دۇنيا تارىخى曼纳林
màn nà lín
(1867 - 1951) فېنلاندىيە زۇڭتۇڭى (1944 - 1946)، مارشال. شۋىد - فېن پۇشتىدىن بولغان جەمەتتىن كېلىپ چىققان. خېلېنسكى داشۆسى ۋە پېتېربۇرگ نىكولاي ئاتلىق ئەسكەرلەر مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. روسىيە ئارمىيىسىدە ئۇزاق مۇددەت خىزەت قىلىپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاتلىق ئەسكەر ەېنېرال مايورلۇق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن فېنلاندىيىگە قايتىپ كەلگەن. 1918-يىلى فېنلاندىيە ئاقلار ئارمىيىسىگە باشچىلىق قىلىپ فېنلاندىيە ئىنقىلابىنى باستۇرغان. شۇ يىلى 12-ئايدا نائىبلىق قىلغان. 1919-يىلى 7-ئايدا اېنلاندىيە زۇڭتۇڭى سايلانغاندىن كېيىن، خىزمەتتىن چېكىنگەن. 1931-يىلى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. ئارمىيىنى قايتا تەشكىل قىلىپ، مۇداپىئە ئىشلىرىنى كۈچەيتكەن ھەمدە فېنلاندىيە - سوۋېت چېگرىسىدا <ماننېرھېيىم سىزىقى> دەپ ئاتالغان، ئۇزۇنلۇقى 105-كىلومېتىر كېلىدىغان مۇداپىئە لىنىيىسىنى قۇرغان. 1939 - 1940 ۋە 1941 - 1944-يىللاردىكى ئىكى قېتىملىق سوۋېت - فېنلاندىيە ئۇرۇشىدا، فېنلاندىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1944-يىلى 8-ئايدا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. 1946-يىلى 3-ئايدا سوۋېت بىلەن فېنلاندىيە يارىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىستېپا بەرگەن كېيىن شۋتسارىيىدە كېسەل بىلەن ئۆلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.