Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ماممالوگىيە
دائىرە: بىئولوگىيە哺乳动物学
bǔrǔdòngwùxué
زوئولوگىيىنىڭ بىر تارماق پېنى بولۇپ، ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ تاكسونومىيىسى، مورفولوگىيىسى، ئېكولوگىيىسى، تارقىلىشى، يېتىلىشى، تەدرىجىي تەرەققىياتى ھەمدە ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ بولۇپ، مۇھىم ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە. ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ گۆشىنى ئوزۇقلۇق، تېرە ۋە ئۆزىنى مۇھىم ئىشلىتىش ئوبيېكتى قىلغاندىن باشقا، نۇرغۇنلىغان اۋايى ئېمىتكۈچى ھايۋانلار مۇھىم ھايۋانلار بايلىق مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ئېمىتكۈچى ھايۋانلار زوئولوگىيىسى ئوۋچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كىت تۇتۇش، تېرە ئۈچۈن بېقىلىدىغان ھايۋانلارنى بېقىش ۋە ھايۋان زىيانداشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ يوقىتىش، ھايۋانلار بايلىق مەنبەلىرىنى قوغداش ھەمدە يۇقۇملۇق كېسەللىك مەنبەلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى.
مائارىپ
哺乳动物学
bǔ rǔ dòng wù xué