Uyghurئاساسىي لۇغەت
مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، قانۇن - تۈزۈمىنى، قائىدە - يوسۇننى قايرىپ قويۇپ، ئۆكتەملىك بىلەن ئىش قىلىدىغان يولسىزلىق، مۇتتەھەملىك ھەرىكەتنى بىلدۈرىدۇ: - مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچۈكلۈك دېگەندەك، چېرىكلىرى خەقنىڭ مال - مۈلكىنى تارتىۋالسا، سوراقچىلىرى ئۇنىڭ دەردى - ئەھۋالىغا يەتمەك تۈگۈل، تېخى ئۇنى گۇندىخانىغا سولايمىز دەپ قورقۇتسا، بۇ جاھان نېمە بولۇپ كەتتى زاداى!؟ - دېدى ئېزىز غەزەپلىنىپ.