Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مالتۇس
دۇنيا تارىخى
马尔萨斯
mǎ ěr sà sī
(1766 - 1834) ئەنگلىيىلىك ئىقتىسادشۇناس، سوتسىولوگ. ئېنگىلاندلىق ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كېمبرىچ داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن پاستېر بولغان. 1805-يىلدىن باشلاپ ئىزچىل تۈردە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىگە قاراشلىق ئىنستىتۇتتا سىياسىي ئىقتىساد پروفېسسورى بولغان. ۋىگ پارتىيىسىنىڭ ئادىمى. 1798-يىلى <نوپۇس نەزەرىيىسى> دېگەن كىتابىنى ئېلان قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ نامراتلىقى ۋە جاپا - مۇشەققىتىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، چۈنكى نوپۇس گېئومېتىرىيىلىك پىرگرىسېۋ بويىچە ئۆسۈپ بارىدۇ، تۇرمۇش بۇيۇملىرى بولسا ئارىفمېتىكىلىق پىرگرىسېۋ بويىچە ئېشىپ بارىدۇ؛ ئاچارچىلىق، ۋابا قاتارلىقلار نوپۇسىنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق كۆپىيىشىنى تىزگىنلەپ، ئۇنى تۇرمۇش ۋاستىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىغا ماسلاشتۇرىدىغان ئاساسىي ئامىل دېگەننى تەرغىپ قىلغان. 1803-يىلى مەزكۇر كىتابنىڭ تۈزىتىش كىرەۈزۈلگەن نۇسخىسىدا <ئەدەب - ئەخلاقنىڭ چەكلىشى> نىمۇ بىر خىل ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ خىل نەزەرىيە كاپىتالىستىك جەمئىيەتتىكى نامراتلىق ھالەتنى ئاقلاش رولىنى ئوينىغانىدى. ئۇنىڭ نەزەرىيىسى كېيىن ھەر خىل <يېڭى مالتۇسىزم> بولۇپ تەرەققىي قىلدى، بەزىلەر يەنە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ جاھانگىرلىك ئۇرۇشى، تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. ئۇنىڭ يەنە <سىياسىي ئىقتىساد پرىنسىپلىرى> دېگەن ئەسىرى بار.