Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مالرۇكس
دۇنيا تارىخى
马尔罗
mǎ ěr luó
(1901 - 1976) فرانسىيىلىك يازغۇچى، دۆلەتلىك ھازىرقى زامان شەرق تىللىرى شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. 1923-يىلدىن باشلاپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا ئارخېئولوگىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە جۇڭگوغا كەلگەن. 1929-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكەن. 1934-يىلى دىمىتىرو ۋە تىلماننى <قاماقتىن بوشىتىش خەلقئارا كومىتېتى> نىڭ رەئىسى بولغان. 1936 - 1939-يىللاردا پىدائىي قىسىمنىڭ ئۇچقۇچىلار ئەترىتىنى باشلاپ، ئىسپانىيدە جەڭ قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، دېى گۈلل رەھبەرلىك قىلغان قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتگە قاتناشقان ۋە ئارساس - رولىن لۈيىنىڭ قوماندانى بولغان. 1959 - 1969-يىللاردا مەدەنىيەت ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى بولغان. <كېسىلگەن دوب دەرىخى> ناملىق كىتابتا ئۆزىنىڭ دېى گۈلل بىلەن بولغان سۆھبىتى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. <ئىستېلاچىلار>، <كىشىنىڭ تەقدىرى>، <ئۈمىد> ۋە ئۆز تەجىمىھالى ھەققىدىكى <غەيرىي ئەسلىمە> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.