Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مالېر
دائىرە: دۇنيا تارىخى马勒
mǎ lè
(1860 - 1911) ئاۋسترىيىلىك كومپوزىتور. يەھۇدى. ۋىئېن مۇزىكا شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. 1880-يىلدىن باشلاپ رېژىسىسسورلۇق قىلغان. 1888 - 1891-يىللاردا بۇداپىشت پادىشاھلىق ئوپېرا تىياتىرخانىسىنىڭ مۇزىكا باش نازارەتچىسى بولغان. 1891 - 1897-يىللاردا ھامبۇرگ ئوپېرا تىياتىرخانىسىنىڭ رېژىسسورى بولغان. 1897 - 1907-يىللاردا ۋىئېن ئوردا ئوپېرا تىياتىرخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1907-يىلى نيۇ - يورك پايتەخت تىياتىرىنىڭ باش رېژسسورى بولغان، قوشۇمچە نيۇ - يورك ئېيل مۇزىكا ئۆمىكىنىڭ رېژىسسورى بولغان. كېيىن يۈرەك كېسىلى تۈپەيلىدىن ئۆز ۋەتىنىگە قايتقان <زېمىن ناخشىسى> ۋە <ناخشىلار توپلىمى> دېگەن ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇنىڭ توققۇز سىمفونىيىسى يېقىنقى زامان مۇزىكا ئەسەرلىرىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.