Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مالپىگى نەيچىسى
بىئولوگىيە
马氏管
mǎshìguǎn
ئىتالىيىلىك ئاناتومىك مالپىگىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلار مەسىلەن، قىرىقئاياغ، ھاشارات، ئۆمۈچۈك قاتارلىقلارنىڭ چىقىرىۋېتىش ئورگىنى. مەسىلەن، ھاشاراتلارنىڭ مالپىگى نەيچىسى قان لىمفا سۇيۇقلۇقىغا چىلىشىپ تۇرغان، ئۇچى پۈتەي، ئۇزۇن شەكىللىك ئىنچىكە نەيچە بولۇپ، نەيچە دىۋارى بىر قەۋەت ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرىدىن تەركىب تاپقان، سىرتىدا ئاساسىي پەردىسى بولۇپ، ئاساسىي (تۈۋى) قىسمى ئوتتۇرا ئۈچەي بىلەن ئاخىرقى ئۈچەينىڭ چىگرىلانغان جايىدىن ھەزىم قىلىش يولىغا كىرىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۇچى قىسمىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى چىقىرىۋېتىش رولىنى، قالغان ئۈچتىن بىر قىسمى قايتا سۈمۈرۈش رولىنى ئۆتەيدۇ. قۇرت تېنى ئىچىدىكى ئازوتلۇق ماددىلار مېتابولىزمنىڭ مەھسۇلاتى بولغان ئۇرىك كىسلاتالار ئېرىشچان كىسلاتالىق كالىي تۇزلىرى ياكى ناترىي تۇزلىرى ھالىتىدە ئۈچ قىسىمدىن مالپىگى نەيچىسىگە كىرىپ تۈۋى قىسمىغا يەتكەندە سۇلار قايتا سۈمۈرۈۋېلىنىپ نەيچە ئىچىدە ئۇرىك كىسلاتا چۆكمىسى قالىدۇ، بۇ چۆكمىلەر ئاخىرقى ئۈچەيگە كىرىپ ئاخىرقى ئۈچەيدىكى ھەزىم قىلىشتىن قالغان قالدۇقلارغا ئارىلىشىپ، گەندىگە ئايلىنىپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ. مالپىگى نەيچىسىنىڭ سانى ھايۋان تۈرلىرىگە قاراپ ئوخشاش بولمىغان ھالدا ئىككى تالدىن يۈز نەچچە تالغىچە بولىدۇ، قىرىقئاياغنىڭ بىر جۈپ، ئۆمۈچۈكسىمانلار سىنىپىدىكىلەرنىڭ بىر جۈپ ياكى ئىككى جۈپ؛ ھاشاراتلارنىڭ بولسا، تۈرىگە قاراپ يەنە پەرقلىنىدۇ، مەسىلەن، قاسىراق قۇرتىنىڭ ئاران ئىككى تال، ھەسەل ھەرىسىنىڭ 150 تالغا يېتىدۇ، ھاشاراتلارنىڭ ئىندىۋىدلىق تەرەققىياتى جەريانىدىكى مالپىگى نەيچىلىرىنىڭ سانىمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، مەسىلەن، چۆل چېكەتكىسىنىڭ 1 - 5 ئۆزگىرىشلىك نىمفا قۇرتىنىڭ ۋە يېتىلگەن قۇرتىنىڭ ئوخشاش بولمايدۇ، قۇرت تېنىدىكى مالپىگى نەيچىسىنىڭ سانى ئادەتتە ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ، روشەنكى بۇنداق باغلىنىشچانلىق، مالپىگى نەيچىسىنىڭ قان لىمفا سۇيۇقلۇقى بىلەن يېتەرلىك ئۇچرىشىش يۈزى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ ئۇنىڭ چىقىرىۋېتىش رولىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا ماسلاشقان.
ئورمانچىلىق
马氏管
mǎ shì guǎn