Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
马隆
دۇنيا تارىخى
مالون
(1841 - 1893) 1871-يىلى فرانسىيە پارىژ كوممۇنىستىك ئەزاسى. بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئەزاسى. سول قانات پرودونىزمچى، بوياقچىلىق ئىشچىسى ۋەكىتابخانىنىڭ خىزمەتچىسى بولغان. كېيىن سىياسىي - نەزەرىيىۋى ماقالىلەرنى يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان. 1865-يىلى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قاتنىشىپ، ئىنتېرناتسىئونالنىڭ پارىژ ياچېيكا بىرلەشمە ومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئىنتېرناتسىئونال پارىژ ياچېيكىسى 2، 3-قېتىم سوت قىلىنغاندا، قاماق جازاسى بېرىلگەن ۋە جەرىمانە قويۇلغان. 1870-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋە 1871-يىل 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى قوزغىلاڭلارغا قاتناشقان. 1871-يىل 3-ئاينىڭ 26-كۈنى كوممۇنا ئەزالىقىغا سايلانغان، كېيىن ئەمگەك ۋە ئالماشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. <ماي قانلىق ھەپتىلىكى> جېڭىگە قاتناشقان. كوممۇنا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن شۋېتسارىيىگە قېچىپ كەتكەن. سىرتتىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. 1880-يىلى كەچۈرۈم بىلەن ۋەتىنىگە قايتىپ فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتنىشىپ،شۇ پارتىيىنىڭ ئوڭ قانات ئۇنسۇرلىرىدىن بولۇپ قالغان. <سوتسىيالىزم ھەققىدە ئوبزور> چىقىرىپ، <مۇكەممەل سوتسىيالىزم> ۋە <ئىنسانپەرۋەر سوتسىيالىزم> دېگەن نېمىلەرنى تەرغىپ قىلغان. 1882-يىلدىن باشلاپ، مۇمكىنچىلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. <فرانسىيە پرولېتارلىرىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق مەغلۇبىيىتى>، <مۇكەممەل سوتسىيالىزم> دېگەن ئەسەەرلەرنى قالدۇرغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
mǎ lóng
مالۇڭ
马隆〈瑞典〉
mǎ lóng
مالۇڭ