—مەنبە
مىللەتپەرۋەرلەر ئەدەبىياتى
دائىرە: ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى1930 - يىل 6 - ئايدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ئەدەبىياتچىلىرى - بو يۈەنجاڭ قاتارلىقلار ئەكسىيەتچى ئەدەبىياتنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئەينى ۋاقىتتا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ئىنقىلابىي ئەدەبىيات - سەنئەتكە قارشى بىر تەركىبىي قىسىمى ئىدى. ئۇلار <مىللەتچىلىك ئەدەبىيات - سەنئەت خىتابنامىسى>، <ئاۋانگارتلار ئايلىق ژۇرنىلى>، <ھازىرقى زامان ئەدەبىيات ئوبزورچىلىقى> قاتارلىق گېزىت، ژۇرناللاردا پرولېتارىيات ئەدەبىياتىغا قارشى تۇرۇپ، فاشستىك ئەدەبىيات - سەنئىتى تەرغىب قىلدى، خەلققە قارشى تۇرۇپ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ۋە ياپون باسقۇنچىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. بۇلارنى لۇشۈن بىلەن چۈي چيۇبەي قاتارلىقلار قاتتىق پىپەن قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ xx–xx لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى مەنبە دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.