Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ماللارىنو - بىدلاك شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
马利亚里诺一比德 拉克条约
mǎ lì yà lǐ nuò yī bǐ dé lā kè tiáo yuē
رەمسىي نامى <ئامېرىكا - يېڭى گرانادا تىنچلىق، دوستلۇق، دېڭىز - قاتناش ھەمدە سودا قىلىشىش شەرتنامىسى> 1846-يىلى 12-ئايدا، يېڭى گرانادا (ھازىرقى كولومبىيە ۋەكىلى ماللارىنو )1798 - 1872( بىلەن ئامېرىكا ۋەكىلى بىدلاك )1804 - 1849( بوگوتادا ئىمزالىغان )تەستىقنامىسى 1848-يىلى 6-ئايدا ئالماشتۇرۇلغان(. ئاساسلىقى، يېڭى گرانادا ئامېرىكا پۇقرالىرى، پاراخوتلىرى ۋە تاۋارلىرىنىڭ يېڭى گرانادانىڭ بارلىق پورتلىرى ۋە پاناما بوغۇزىغا ئەركىن كىرىشىگە يول قويىدۇ ھەمدە بارلىق چېگرا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ ئامېرىكا يېڭى گرانادانىڭ پاناما بوغۇزىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بارلىق ھوقۇقىغا <كاپالەتلىك> قىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. كېيىن ئامېرىكا مۇشۇ شەرتنامىنى باھانە قىلىپ پاناماغا كۆپ قېتىم مۇداخىلە قىلغان.