دائىرە: ئىسلام ئاتالغۇلىرى(تەخمىنەن 715 - 795)مالىكىيە مەزھىپىنى قۇرغان ئادەم، مەدىنىنىڭ ئىمامى. مەدىنىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدە شۇ يەردىكى ئۆلىمالارنىڭ قولىدا ئوقۇغان. <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىسنى پىششىق ئۆگىنىپ، مۇپتى بولغان. مدىنىكىكلەرنىڭ ئەنئەنىسى ۋە ئادەتلىرى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرىنىڭ تەسىرىگە بىۋاسىتە ئۇچرىغان. شۇڭا بۇ ئەنئەنە ۋە ئادەتلەر كىشىلەر سۆزلەپ بەرەەن ھەدىسلەردىنمۇ ئىشەنچىلىك، دەپ قارىغان. شەرىئەت تۈزگەندە <قۇرئان كەرىم> نى، ئىجمائنى ۋە قىياسنى ئاساس قىلغاندىن باشقا، مەدىنىلىكلەرنىڭ ئەنئەنىسىنى ۋە ئادەتلىرىنى ئاساس قىلدى. فىقھە جەھەتتە ھەدسچىلەرگە مەنسۇپ بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە مەدىنە جەمئىيىتىدىكى ئىجمائنىمۇ نوپۇزلۇق، دەپ ئېتىراپ قىلدى، ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، مەدىنە شەھىرىنىڭ سىرتىغا دەپنە قىلىندى. <ئەل مۇۋەتتە> نى يېزىپ قالدۇردى.