Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
玛丽亚.克里斯亭娜二世
دۇنيا تارىخى
مارىيە كرىستىنا Ⅱ
(1858 - 1929) ئىسپانىيىنىڭ نائىب كورۇلىۋاسى (1885 - 1902). كورۇل ئالفونسو ⅡⅩ ئۆلگەندىن كېيىن نائىب بولغان. بەش ئاي ئۆتۈپ، ۋەلىئەھد ئالفونسو ⅢⅩ نى تۇغقان. ئۇ نائىب بولغان مەزگىلدە ئامېرىكا - ئىسپانىيە ئۇرۇشى پارتلىغان، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، ئامېرىكىغا فىلىپپىن، گۇئام، پۇئېرتورىكو قاتارلىق مۇستەملىكىلىرىنى بۆلۈپ بەرگەن؛ كۇبامۇ شەكلەن مۇستەقىل بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ تەسىر كۈچى دائىرىسىگە كىرگۈزۈۋېلىنغان. 1902-يىلى ئالفونسو ⅢⅩ بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن، ئۇ نائىبلىقىنى تاشلاپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە قۇتقۇزۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن.