Uyghurئاساسىي لۇغەت
ما لياڭجۈن
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1870 - 1957) جۇڭگودىكى چوڭ ئاخۇن، گەنسۇ چىڭشۈيلىك، خۇيزۇ، دىنىي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدىن ئەرەبچە، پارسچە ۋە دىنىي كىتابلارنى ئوقۇدى. شەنشىدىكى شىئەن، گەنسۇدىكى پىڭلياڭ، خېجۇ (ھازىرقى لىنشا) ۋە نىڭشيادىكى شىجى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يۈي يۆمىن، لاۋلەن ئاخۇن، مارېنشەن قاتارلىق كىشىلەرنى ئۇستاز تۇتۇپ، بىلىم تەھسىل قىلدى. گۇاڭشۈينىڭ 223 - يىلى (1897) تەكلىپ بىلەن گەنسۇ پىڭلياڭدىكى شى ئېرباۋ مەسچىتىدە ئىمام ئاخۇن بولدى. 1913 - يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تەكلىپى بىلەن قۇمۇلدىكى شەنشى مەسچىتىگە، ۋاڭ يېتەي مەسچىتىگە، ئۈرۈمچىدىكى دۇڭفاڭ مەسچىتىگە، لاۋفاڭ مەسچىتىگە، ئىلىدىكى خۇيزۇ مەسچىتىگە ۋە سانجى، قارا شەھەر، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى مەسچىتلەرگە ئاخۇن بولدى. 1941 - يىلىدىن باشلاپ شىڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىدە تۆت يىل ياتتى. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت شىنجاڭدا مۇپەتتىشلىككە تەيىنلىدى، <مۇسۇلمانلارنىڭ داھىيىسى> دەپ ھۆرمەتلىرى. 1949 - يىلى شىنجاڭنىڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد بولۇشىغا كۈچ چىقاردى. ئازادلىقتىن كېيىن شىنجاڭ خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. <ئىسلام تارىخىغا دائىر ئېنىقلىمىلار> قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلدى.