Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مالابو شەھىرى
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەر马拉博市
mǎ lā bó shì
ئېكۋاتور گۋېنىيىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەركىزى، مۇھىم پورتى. شەھەر ئاھالىسى 80 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، ئېكۋاتور گۋېنىيىسىدە ئىشلەپچىقىرىلغان كاكائو، كوفى قاتارلىق تروپىك بەلباغ مەھسۇلاتلىرى بۇ جايغا توپلىنىپ تارقىتىلىدۇ. شەھەردە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش، ئورمان كېسىش قاتارلىق كىچىك تىپتىكى سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەر ئەتراپىدا ھەرخىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. بۇ شەھەردىكى پورت يانار تاغ ھەرىكىتىدىن شەكىللەنگەن يېرىم ئاي شەكىلدىكى قولتۇق بويىغا جايلاشقان بولۇپ، سۈيى چوڭقۇر، ئوكيان پاراخوتلىرى بىۋاسىتە كىرەلەيدۇ، پورت ئارقىلىق كاكائو، كوفى، بانان، ياغاچ ماتېرىياللار ئېكسپورت قىلىنىدۇ، شەھەردە خەلقئارا ئايرودرومى بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.