Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ماڭكۇ بۇمى ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
莽古甫美战争
mǎng gǔ fǔ měi zhàn zhēng
1749 - 1755-يىلىرى ماڭكۇ بۇمى رەھبەرلىك قىلغان يۋا خەلقىنىڭ گوللاندىيىگە قارشى كۈرىشى. ماڭكۇ بۇمى - ماتارام پادىشاھنىڭ ئىنىسى. 1749-يىلى گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى ماتارام پادىشاھىنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى پادىشاھلىقنى گوللاندىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قىستىغان، شىركەت پادىشاھلىق ئورۇنغا ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ۋارىسلىق قىلىشىغا ماقۇل بولۇپ،ماتارامنى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنغان. ماڭكۇ بۇمى بىىلەن ماتارام پادىشاھلىقىدىكى كۆپ قىسىم جايلارنىڭ ئاقساقاللىرى خەۋەرنى ئاڭلاپ قاتتىق قارشى چىققان، مەڭكۇ بۇمى يوگياكارتادا پادىشاھ قىلىپ تىكلەنگەن. گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى قوشۇن ئەۋەتىپ باستۇرغان. 1751-يىلى گوللاندىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قوماندانى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. 1755-يىل 2-ئاينىڭ 13-كۈنى، گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ تەھدىت سېلىپ ئالدىشى ئارقىسىدا، ماڭكۇ بۇمى شەرقىي ھىندىستان شىركىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، ماتارام پادىشاھلىقىنى ئىككىگە بۆلۈپ، ماڭكۇ بۇمى يوگياكارتانى پايتەخت قىلغان غەربىي رايونغا ئىگە بولغان. ئۇ يوگياكارتا سۇلاتنلىقى دەپ ئاتالغان(1755 - 7921)؛ ئەسلىدىكى ماتارام پادىشاھىنىڭ ئوغلى سولۇنى پايتەخت قىلغان بىر قىسىم رايونغا ئىگە بولغان، ئۇ سولۇ سۇلتانلىقى دەپ ئاتالغان. ئىككى قىسىم جايغا قاراشلىق ئاھالە ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ھەر ئىككىسى شەرقىي ھىندىستان شىركىتى ھامىيىلىقىدىكى دۆلەت بولغان. بۇ قوزغىلاڭ فېئوداللارنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن مەغلۇپ بولغان.