Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
马克.奥勒留
دۇنيا تارىخى
ماركوس ئائۇرېلىئۇس
(121 - 801) قەدىمكى رىم پادىشاھى (161 - 180)، يېڭى ستوكوچىلار پەلسەپىسىنىڭ ۋەكىلى. ئەسلى يۇرتى ئىسپانىيە بولۇپ، پادىشاھ ھادرىيانۇسنىڭ يېقىن تۇغقىنى، رىمدا تۇغۇلۇپ ياخشى تەربىيە ئالغان. پادىشاھ ئانتونى پىئۇسنىڭ بېقىۋالغان بالىسى. <كائېسار (قەيسەر) دەپ نام ئېلىپ، پادىشاھنىڭ ياردەمچىسى بولغان ھەمدە پىئۇسنىڭ قىزى قائۇستىنا بىلەن تۇرمۇش قۇرغان. پىئۇس ئۆلگەندىن (161) كېيىن تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، لۇسىئۇس ۋېرۇس (ئۇمۇ پىئۇسنىڭ بېقىۋالغان بالىسى) بىلەن بىللە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. سىرتقا قارىتا يىل بويى ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق ئىمپېرىيىنىڭ تېررىتورىيىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداپ قالغان. مىلادى 162 - 166-يىللىرى شەرقتىكى پارفىيىلىكلەر ( ئارساكلار) بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلاrنىڭ پادىشاھى ۋولوگېس Ⅲ (؟ - 192) نى مەغلۇپ قىلغان. كېيىن دۇنيا دەريا ۋادىسىدىكى >بەدەۋىيلەر< بىلەن جەڭ قىلغان. ۋېرۇس ئۆلگەندىن كېيىن (169-يىلى) مۇستەقىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. پاننونىيانى بازا قىلغان ھالدا، ئالدى بىلەن گېرمان مىللىتىدىن بولغان ماكمانلارنى يېڭىپ، >گېرمانىكۇس< دەپ نام ئالغان (174-يىلى). كەينىدىنلا كۇيدېلارنى مەغلۇپ قىلىپ (174-يىلى)، ئىكىنچى يىلى شىمالدىكى گېرمان مىللەتلىرى بىلەن ياراشقان؛ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىمپېرىيىنىڭ >بەدەۋىيلەر< نىڭ كىرىشىنى توسۇشقا مادارى قالمىغان. مىلادى 175-يىلى، قوماندانى كاسسىئۇس شەرقتە غەليان كۆتۈرگەندە بېرىپ باستۇرغان؛ كاسسىئۇس قول ئاستىدىكىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. كېيىن سۈرىيە، مىسىر ئارقىلىق رىمغا قايتىپ كەلگەن (176-يىلى). كەينىدىنلا يەنە شىمالدا ئۇرۇش بولۇپ، 178-يىلى يەنە قوشۇن باشلاپ ماكمانلار بىلەن جەڭ قىلىپ نەتىجە قازىنالماي، ۋىندوبونادا (ھازىرقى ئاۋسترىيىنىڭ ۋيېنا شەھىرىدە) كېسەل بولۇپ ئۆلگەن. تەختتىكى مەزگىلدە، خرىستىئان مۇرىتلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىش سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجراق ىلغان. يېڭى ستوكوچىلار پەلسەپىسىنىڭ ئېتىقادچىسى، ھەربىي يۈرۈش داۋامىدا >ئەسلىمە< دىن 12 پارچە يازغان، لېكىن ئۇ مۇكەممەل ئەسەر ئەمەس، بىراق ئۇنىڭ ئەدەب - ئەخلاق، دىنىي قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇ ئىلاھ بارلىق مەۋجۇدىيەتنىڭ مەنبەسى دەپ قارىغان؛ زاھىدلىقنى ۋە تەقدىرچىلىكنى تەرغىپ قىلغان؛ ماددىي دۇنيادىن ۋاز كېچىپ، سۇبيېكتىپ ئىچكى دۇنياغا غەرق بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان. >ئەسلىمە< - رىم دەۋرىدىكى ستوكوچىلار پەلسەپىسىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ھۆججەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.