Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
迈万德瓦尔
دۇنيا تارىخى
مەيۋاندۋال
(1919 - 1973) ئافغانىستان باش ۋەزىرى (1965 - 1967). 1942-يىلى ھېرات ئۆلكىسى <ئىسلام ئىتتىپاقى گېزىتى> نىڭ باش تەھرىرى بولغان. 1944 - 1945-يىللىرى مائارىپ مىنىستىرلىكى <ئېنىسكوپېدىيە> بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 1945-يىلى <دوستلۇق گېزىتى> نىڭ باش تەھرىرى بولغان. كېيىن ئاخبارات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، خاننىڭ ئاخبارات مەسىھەتچىسى بولغان. 1953 - 1954-يىللىرى ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. 1956-يىلى 1-ئايدا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1957-يىلى ئىلگىرى - كېيىن ئەنگلىيە ۋە پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. 5719 - 1963-يىللىرى ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. 1963 - 1964-يىللىرى پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. 1964-يىلى 12-ئايدا ئاخبارات ۋە مەدەنىيەت ۋەزىرى بولغان. باش ۋەزىرى بولغاندا مائارىپ ۋەزىرلىكىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. كېيىن ئامېرىكىدا تۇرۇپ كېسىلىنى داۋالاتقان. 1973-يىلى 10-ئايدا <سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشقا قۇترىتىپ، ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى> بىلەن قولغا ئېلىنىپ، كېيىن ھەربىي سوت تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان، ھۆكۈم ئىجرا قىلىنشتىن بۇرۇن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.